ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بوۋاقلاردىكى كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشنى قانداق پەرۋىش قىلىش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-31كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈز، گۈزەل بىر پەسىل؛ ئەمما ئۇ يەنە كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش كۆپ كۈرىلىدىغان پەسىل. ئەگەر بوۋاقلاردا كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش كۆرۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟ بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشنى پەرۋىش قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆرۈپ باقايلى!
كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش ھەققىدە چۈشەنچە
    كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي يوللىرى چاقسىمان ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن كۆرۈلىدىغان كىسەللىك بولۇپ، قىزىپ كىتىش، قۇسۇپ ياندۇرۇش ۋە روھى چۈشكۈنلىشىپ كىتىش قاتارلىق ئەگەشمە ئالامەتلىرى بولىدۇ.
   كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش كىسەللىك ئەھۋالى يىنىكرەك بولغاندا، پەقەت ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدىلا كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ؛ مەسىلەن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قېلىش، ناگاندا بىر قۇسۇپ ياندۇرۇش، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ۋە چوڭ تەرەتنىڭ شەكلى-ھالىتى جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا، كۈنلۈك چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئون نەچچە قېتىمغا ھەتتا نەچچە ئون قېتىمغا بېرىپ قالىدىغان بولۇپ، چوڭ تەرەتتە سۇدەك كىلىش، ئۇماچ ياكى شىلىمدەك كىلىش، بەزىدە ھەتتا يىرىك ۋە قان ئارىلاش كىلىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمار بوۋاقتا كۈرنەرلىك دەرىجىدە سۇسىزلىنىش، ئىلىكتىرولىت قالايمىقانلىشىش، پۈتكۈل بەدىنى زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر(مەسىلەن قىزىش، بىئارام بولۇش، روھى چۈشكۈن بولۇش قاتارلىق) كۆرىلىدۇ.
بوۋاقلاردا كۆرىلىدىغان كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشنى پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى
1. دىزىنفىكسىيەلەپ ئايرىۋىتىش
     ئىمىزگە، سۈت بوتۇلكىسى قاتارلىق بوۋاقلار ئىشلىتىدىغان "تاماق قاچىلىرى"نى يۇيۇپ دىزىنفىكسىيەلەش؛ بىمار بوۋاقنى پەرۋىش قىلىش ئالدى كەينىدە قولنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇيۇپ، كىسىشمە يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
2. كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، ئېغىزدىن ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇق تۇلۇقلاش تۇزى ORS ئىچكۈزۈش(خەنزۇچە ئاتىلىشى: ORS口服补液盐)
    بۇ ئۇسۇل پەقەت يىنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ كەتكەن ھەمدە قۇسۇپ ياندۇرۇش ئالامەتلىرى يوق ياكى قۇسۇپ ياندۇرۇش ئالامەتلىرى قاتتىق بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا ئىچەلەيدىغان بىمار بوۋاقلارغىلا ماس كىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بىمار بوۋاقنىڭ ئاز مىقداردا قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. كىسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلى كۆزىتىش
    بوۋاقنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، بۇ ئارقىلىق بوۋاقتا سۇسىزلىنىش كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش(يەنى بىمار بوۋاقنىڭ سۈيدۈك مىقدارى، تىرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقى، قاپىقىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكى، روھى ھالىتى، ئەس-ھۇشى، بەدەن تىمپىراتۇرسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بىمار بوۋاقتا سۇسىزلىنىش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى ياكى سۇسىزلىنىپ كىتىش دەرىجىسىنى پەرەز قىلىش)
4. بىمار بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرلەش
     بىمار بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ قېتىم سانى، رەڭگى، شەكلى ۋە مىقدارىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ خاتىرلەش.
5. يىمەك-ئىچمەك
    ئىچى سۈرۈپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بىمار بوۋاقنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ يىمەك-ئىچمىكىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى يۈكىنى يىنىكلىتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە ئەكىلىش نىشانىغا يىتىش لازىم. ئىچى سۈرۈش بىلەن بىرگە ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇپ ياندۇرۇش ئالامىتى ئەگىشىپ كەلگەن بىمار بوۋاقلارغا ۋاقتىنچە بىر نەرسە يىگۈزمەسلىك، قۇسۇپ ياندۇرۇش ئالامىتى پەسىيىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەندىن كىيىن، ئاندىن تەدرىجى تۈردە تاماق يىگۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. يىمەك ئىچمەك جەھەتتە، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تۇزسىز ۋە مايسىز، ئاقسىل تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش كىرەك؛ بالىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تاماق تۈرىنى بىر خىلدىن كۆپ خىلغا كۆپەيتىش، ئاددىدىن مۇرەككەپكە قاراپ ئۆتۈش كىرەك؛ تاماق قېتىم سانى جەھەتتە، مىقدارى ئاز قېتىم سانى كۆپ بولۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىش لازىم.
6. ساغرا قىسمىنى پەرۋىش قىلىش
    يۇمشاق ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولغان سۈيدۈك زاكىسى تاللاپ ئىشلىتىش ھەمدە كۆپرەك ئالماشتۇرۇپ بىرىش كىرەك. بىمار بوۋاق ھەر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىلمان سۇدا ساغرا قىسمىنى يۇيۇش ۋە سۈرتۈپ قۇرۇتۇش لازىم (سۈرتكەندە ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ قوپال بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ). ئەگەر بىمار بوۋاقنىڭ چات ئارلىقى قىزىرىپ قالغان بولسا، ئوپا سېلىپ قويىشىڭىز كىرەك. بىمار بوۋاقنىڭ ساغرا قىسمىنىڭ تىرىسىنىڭ قۇرغاق ھالىتىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بوۋاقلاردا چات ئارلىقى قىزىرىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ساغرا قىسمى تىرىسى قۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارنىڭ ساغرا قىسمىنى ئىمكان قەدەر ئۇچۇق قويماق لازىم.
بوۋاقلاردا كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كىرەكمۇ؟
     ئىچى سۈرۈش بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كىسەللىك بولۇپ، ئادەتتىكى ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما بالىلاردا ئىچى سۈرۈش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا دەرھال دوختۇرغا كۆرسەتمەك لازىم.
1. چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كەلسە
    ئىچى سۈرۈپ قالغان بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدە قان ئىزنالىرى كۆرۈلسە ياكى چوڭ تەرەت مىۋە قىيامىغا ئوخشاش كەلسە، بۇنداق بالىلارنىڭ ئۈچەي كىرىشىپ قېلىش(肠套叠) قاتارلىق خەتەرلىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك.
2. قۇسۇپ ياندۇرۇش ئالامەتلىرى ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ 24-12 سائەتكە يەتسە
    بۇنداق ئەھۋالدا بالىلاردا ئاسانلا سۇسىزلىنىش ۋە ئىلىكتىرولىت قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان " ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىش"، ئادەتتە بالىنىڭ ئىككى قېتىملىق قۇسۇش ئارلىقىدا ھېچقانداق بىر نەرسە يىيەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قۇسۇپ ياندۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر نەچچە سائەت توختىماي قۇسۇپ ياندۇرۇپ، تاماق يىيەلمىسە، ئەمما بىرەر دەم ئارام ئالغاندىن كىيىن، قۇسۇپ ياندۇرۇش ئالامەتلىرى پەسىيپ، بالىمۇ نەرسە يىيىشكە باشلىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالدا قورقۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
3. كۆرنەرلىك دەرىجىدە سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە
    مەسىلەن، كىچىك تەرەت مىقدارى كۈرنەرلىك دەرىجىدە ئازلاپ، روھى كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىش ياكى بەكمۇ بىئارام بولۇپ كىتىش؛ تىرىسى قۇرغاقلىشىپ ھەم بوشىشىپ، تۇتۇپ چىمدىگەن ۋاقىتتا ئىلاستىكىلىق ھالدا ئەسلى ھالىتىگە قايتىشى ئاستا بولۇش؛ پۇت-قوللىرى مۇزلاپ كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە.
4. قۇسۇپ ياندۇرغان قۇسۇق تەركىبىدە تەرەت قالدۇقلىرى، قان قىلى ياكى قەھۋە قالدۇقىغا ئوخشاش نەرسىلەر كۆرۈلسە
    قۇسۇپ ياندۇرغان قۇسۇق سېرىق يىشىل رەڭدە كەلسە ياكى چوڭ تەرەتنىڭكىگە ئوخشايدىغان سېسىق پۇرىقى بار بولسا( بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئۈچەي يولى توسۇلۇپ ئىتىلىپ قېلىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، چوقۇم دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كىرەك).
5. قورساق قىسمى كۆرنەرلىك دەرىجىدە كۆپۈپ قاتتىقلىشىپ كەتسە، قورسىقى ئاغرىغان سەۋەپلىك، باشقىلارنى قورسىقىنى تۇتقىلى قويمىسا
     بۇ قورساق پەردە ياللۇغى ئالامىتى بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالىتىش كىرەك.
6. ئازراقمۇ نەرسە يىمىسە
     بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى تىزلا ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىش ياكى قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئۆزلۈكسىز ھالدا قىزىش ۋاقتى 48-24 سائەتكىچە يەتسە
     ئەگەر بۇ جەرياندا، بالىنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى بىر مەزگىل نورمال ھالەتكە چۈشۈپ، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ قىلسا، بۇنداق ئەھۋال "ئۆزلۈكسىز ھالدا قىزىش"قا تەۋە بولمايدۇ.
8. سېرىقلىق چۈشۈش (黄疸) ئالامىتى كۆرۈلسە
     يەنى كۆزى ۋە تىرىسىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتسە.
9. بالىدا ئەسلىدىنلا ئاستا خارەكتىرلىك كىسەل بار بولغان ياكى ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىشلىتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچى سۈرۈش كۆرۈلۈش ۋاقتى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە
     كۆپ قىسىم بوۋاقلار، ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئىچى سۈرۈشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. بىز ھەر بىر بوۋاقنىڭ ساغلام ھەم خۇشال ھالەتتە چوڭ بولىشىغا تىلەكداشمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号