ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
600جىڭ كىلىدىغان ئانا، 36 جىڭ كىلىدىغان بىر بوۋاق تۇغدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-07كۆرۈلىشى : قېتىم
   سوۋخۇ تورى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز ئايال 600جىڭدىن ئارتۇق كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئايال ھازىر نىكاھلىنىپلا قالماي، يەنە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
   600جىڭ كىلىدىغان ئايال كىشى بالا تۇغسا قانداق بولىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ رەسىمىگە قاراپ بېقىڭ! دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز بۇ ئايالنىڭ تۇغۇتى قىستاپ قالغاندا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن، ئامالسىز كەسپى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.
  بۇ ئايال دوختۇرخانىغا بارغاندىن كىيىن، دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېغىرلىقى 18.16 كىلوگىرام كىلىدىغان بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇپ، يىڭى دۇنيا رىكوتى ياراتقان. بوۋاقنىڭ بۇنداق چوڭ تۇغۇلۇشى، ئەمىلىيەتتە ئانىسىنىڭ 600 جىڭلىق بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇشاللىنارلىق بولغىنى، تۇغۇتتىن كىيىن ئانا-بالا ھەر ئىككەيلەننىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، باشقا ھېچقانداق ئەگەشمە كىسەللىك كۆرۈلمىگەن.
   بۇ ئايالنى تۇغدۇرۇشقا مەسئۇل بولغان دوختۇر-سېستىرالارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئەسلىدە بۇ ئايالنى قوشكىزەك ياكى ئۈچكىزەك تۇغۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان؛ ئەمما ئۇيلىمىغان يەردىن پەقەت بىرلا بوۋاق تۇغۇلغان. سېستىرالارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئىلگىرى نۇرغۇن سېمىز ھامىلدار ئاياللارنى تۇغدۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. بەدىنى بۇنچە سېمىز تۇرۇپ ئوڭۇشلۇق ھامىلدار بولۇش ھەمدە بالىنى ساق-سالامەت تۇغۇش ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تۇغۇت كارۋىتىدا ياتقان ئانا، دوختۇرلارنىڭ خوش خەۋرىنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن يىغلاپ كەتكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号