ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
مىھرىبان ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا يازغان بىر پارچە خېتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-28كۆرۈلىشى : قېتىم
    قوزام، سىنى تىزراق چوڭ بولسىكەن دەيمەن! ئەمما مەن يەنە، سىنىڭ چوڭ بولۇشىڭدىن قورقىمەن!

 
1
   ئاخشام ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، بىر كوبلىت شىئىر ئوقۇدۇق، ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سەن ئۇخلاشقا ياتتىڭ؛ مەن ساڭا، سەن نىمە دىگەن بەختىلىك، يېنىڭدا ئاناڭ بار، ئەمما بەزى بالىلارنىڭ يېنىدا ئانىسى يوق دىدىم. سەنمۇ ناھايىتى چىچەن كەلدىڭ، ماڭا دەرھاللا "سەنمۇ بەخىتلىك، چۈنكى بەزى ئانىلارنىڭ بالىسى يوق" دەپ جاۋاپ قايتۇردۇڭ.
   ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلغاندىن كىيىن، سەن ئۇخلاپ قالدىڭ. مەن سەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتىشكە كۆزۈم قىيماي، ساڭا قاراپ ئۇزاققىچە ئولتۇردۇم. ئۈستەل چىرىقىنىڭ غۇۋا كەلگەن نۇرلىرى ئاستىدا، سىنىڭ يۈزلىرىڭ قىزغۇچ ھەم بۇدرۇققىنە كۆرۈنەتتى؛ سىنىڭ نەپەسلىنىشىڭ تەكشى، بارماقلىرىڭ ئازراق ئىگىلگەن بولۇپ، بەدەنلىرىڭدىن بالىلارغا خاس پۇراقلار تارىلىپ تۇراتتى.
   قوزام، سەندە مىنىڭ يۈرەكلىرىمىنى تىنچلاندۇرىدىغان سىھىرلىك كۈچ بار؛ سەن ھېچنىمە قىلمىساڭمۇ، يەنىلا مىنىڭ يۈرەك-قەلبلىرىمىگە ئارامبەخىشلىك بېغىشلايسەن.

 
2
    سەن تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ، مەن نۇرغۇن قېتىم ساڭا بۈگۈنكىدەك قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم.
    سەن قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن، بۇلۇقلاپ كۈلۈپ كەتكەن، غوتولدىتىپ سۇ ئىچكەن، غىڭشىغىنىڭچە رەسىملىك كارتا ئوينىغان، دىققىتىڭنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ كارتون كۆرگەن.... مەن پەقەت ساڭا قاراپ تۇرساملا، كۆڭۈل قاتلىرىمنى خۇشاللىق باسىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ساڭا شۇنداق ئېيتقۇم بار، سەن ناھايىتى ياراملىق بولۇپ كەتمىسەڭمۇ، قالتىس ئادەم بولۇپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ؛ بىزگە ۋاپادارلىق قايتۇرىمەن، بىز ياشانغاندا بىزنى كۈتىمەن دىمىسەڭمۇ بولىدۇ؛ بىز پەقەت ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق مىھرى-مۇھەببەتلىك ئۆتسەك، شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك.
    داداڭ بىلەن ئىككىمىز سەن ئۈچۈن، ھەقىقەتەن كۆپ بەدەللەرنى تۆلىدۇق، ئەمما سەن بىزگە بېغىشلىغان بەخىت، بىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بولدى. سىنىڭ قىلچىلىك بۇلغانمىغان گۆدەكلىكىڭ ۋە ساپلىققا تولغان مۇھەببىتىڭ، ماڭا ھەر ۋاقىت ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ، مىنى ئويغۇتىدۇ، مىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەمدە مىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر مىننەتدار بولۇش توغرا كەلسە، مەن سەندىن مىننەتدار بولۇشۇم كىرەك.

 
3
     خوشنا ئۆيدىكى ھەدەم بىر قېتىم، ئوغلىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بىر مەۋسۇم كۆرۈشمەي، ئۇنى بەك سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
    يازلىق تەتىلدە ئۇنىڭ ئوغلى قايتىپ كىلىپ، ئىشىكتىن كىرىپلا ئاپا دەپ چاقىرغىنىدا، ئۇ ئېتىلىپ چىقىپ بالىسىنى چىڭ قۇچاقلاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لىكىن ئاخىرى يەنىلا خىجىل بولۇپ قالدى. ئۇ ئوغلىنىڭ مەكتەپتە ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىنى، ساۋاقلاشلىرى بىلەن سېلىشقان قۇرۇق پاراڭلىرىنى، ناخشا ئېيتقىلى بارغانلىرىنى، ئۇنىڭ تەشكىللىگەن مۇسابىقىلىرىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلىدى.... بۇ ۋاقىتتا خوشنام، ئۆزىنىڭ ئەمدى بالىسىنىڭ قەلبىدىكى بارلىقى بولالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى.
    ھېلىقى ئەينى چاغلاردا ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمەي، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ ئوينايدىغان، ئېغىزىدىن سۈت پۇراپ تۇرىدىغان بالا، ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئىدى.
    بالا ئاخىرى چوڭ بولۇپتۇ؛ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ ھەم خۇشال بولدى، ھەم بىر نەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغاندەك بىئاراملىق ھىس قىلدى. ئەمما خۇشاللىقنى دىگىلى بولغان بىلەن، بىئاراملىقىنى ئېيتىشقا ئۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.

 
4
    ئەمىلىيەتتە كۆڭلۈمگە ئايان، بۇ خىل بىئاراملىق كەلگۈسىدە مىنىڭ بېشىمغىمۇ كىلىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىنى توختىماستىن سۆيۈپ قەدىرلىمىسەم بولمايدۇ، چۈنكى بىزگە قالدۇرۇلغان، بۇ خىل ئالماستەك نۇر چاقنىتىدىغان ۋاقىتلار كۆپ قالمىغان ئىدى.
   ھازىرقىدەك، سەن خوشال ھالدا قۇچىقىمغا ئېتىلىدىغان، يوتقىنىڭنى قولتۇقلىغان پېتى مىنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ مەن بىلەن بىللە ئۇخلايمەن دەپ تۇرۋالىدىغان، ئازاپلانغان ۋاقىتتا، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، يىغلامسىرىغان ھالەتتە "ئانا" دەپ يىغلايدىغان، ئۆزۈڭنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىڭنى بىرىنچى ۋاقىتتا مەن بىلەن بەھىرلىنىدىغان بۇ ۋاقىتلارنى قەدىرلىشىم كىرەك.
    ھازىرقىدەك مەن سىنىڭ پۈتكۈل دۇنيارىڭ ھىسابلىنىدىغان ۋاقىتلار ئۆتۈپ كىتىشتىن بۇرۇن، مەن چوقۇم بىر-بىرىمىزگە مىھرى-مۇھەببىتىمىزنى قالدۇرماي بېغىشلىغان ھەر بىر كۈن، ھەربىر سائەت ۋە مىنۇتلارنى قەدىرلەپ، ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىكىم كىرەك.
مەن سىنى بەزلەپ ئۇخلىتىمەن؛ ياشلىرىڭنى سۈرتىمەن؛ سىنىڭ كىچىككىنە كەلگەن جىسمىڭنى قۇچاقلاپ، سىنىڭ ھەجۋى تۈس ئالغان رەسىم ئەسەرلىرىڭدىن ھۇزۇر ئالىمەن؛ سىنىڭ ھەر بىر سەبىي كۈلكىلىرىڭنى ئىسىمدە ساقلايمەن.
   مەن ھازىرقى ئىككىمىزگە تەئەللۇق بولغان، چەكلىك كەلگەن ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، سىنى ياخشى يۇيۇندۇرۇپ، ياخشى كىيىندۈرسەم، ياخشى تاماقلاندۇرسام دەيمەن؛ سەن بىلەن بىللە كۈلۈپ ياشناپ، سىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىڭدىكى ھەر بىر پەيتلەرگە قاتناشسام دەيمەن؛ چۈنكى بۇنداق مىھر-مۇھەببەتكە تولغان، ئارلىقتا ھېچقانداق توسۇق بولمىغان يېقىنلىق مۇناسىۋىتى كۆپ قالمىغان ئىدى؛ ئازراقلا بىخەستىلىك قىلىپ قالساق، كەلمەسكە كىتەتتى.

 
5
    ھامان بىركۈنى، سەن بۇدرۇققىنە كەلگەن كەپسىز بالىلىقتىن، ئۆز ئالدىڭغا بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممەڭگە ئالالايدىغان چوڭ ئادەم بولىسەن.
   كۆزۈڭ چۈشكەن نەرسىلەرنى، كۆزلىرىڭگە ياشلار تولدۇرغان ھالەتتە ماڭا يالۋۇرۇپ ئولتۇرماي، ئۆزۈڭ سېتىۋالالايسەن؛ سىرتلارغا چىققاندا، بۇرۇنقىغا ئوخشاش قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ كەينىمدىن سوكۇلدىماي، ئۆزۈڭ ماشىنا ھەيدەپلا چىقالايسەن؛ كىسەل بولۇپ قالساڭ، بۇرۇنقىدەك روھسىز ھالەتتە ماڭ ئېسىلىپ ئولتۇرماي، ئۆزۈڭ دورا ئىچەلەيسەن؛ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىساڭ، بۇرۇنقىدەك مىنىڭ قېشىمغا كىلىپ ھال ئېيتماي، ئۆزۈڭ ھەل قىلىپ كىتەلەيسەن.
   بۇ ۋاقىتتا مەنمۇ سىنى قۇچاقلاشقا خىجىل بولىمەن، ھەم قۇچاقلاپ كۆتۈرۈشكە كۈچۈممۇ يەتمەيدۇ؛ سىنى ياخشى كۆرىمەن دىيىشكە خىجىل بولىمەن، سەن بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولۇشقا تېخىمۇ ئامالسىز؛ ئۆزۈمنىڭ ساڭا بولغان ئامراقلىقىمنى ۋە ساڭا تارتىشىدىغان كۆڭلۈمنى يۇشۇرۇشقا مەجبۇرمەن، چۈنكى سىنىڭ بۇلاردىن زىرىكىش ھىس قىلىشىڭدىن ياكى مەندىن ئەنسىرەپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن؛ ساڭا ھەرقانچە تارتىشساممۇ، كۆڭلۈم ھەرقانچە بىئارام بولسىمۇ، مەن يەنىلا قولۇمنى ئاستاغىنا قويۇۋىتىمەن، چۈنكى سەن يېراقلارغا پەرۋاز قىلىشقا مۇھتاج.

 
6
   مەن سىنىڭ تىزرەك چوڭ بۇلۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما مەن يەنە سىنىڭ چوڭ بولۇشۇڭدىن قورقىمەن.
   ۋاقىت، ئۇ مىنىڭ گەپلىرىمگە كىرمەيدۇ؛ ئۇ ئاستاغىنا ئاچا يولدىن بىرنى شەكىللەندۈرمەكتە، سەن بولساڭ بۇ ئاچا يولدا مەندىن ئايرىلىپ يالغۇز يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتىسەن.
   بۇ ۋاقىتتا، مەن بولسام بارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ سىنى سۆيۈۋىلىشىم، ساڭا توختىماستىن ئۆز مىھرىمنى بېغىشلاپ، سىنىڭ ماڭا قايتۇرغان مىھرىڭنى يېغىۋىلىشىم كىرەك. چۈنكى، سىنىڭ مىنىڭ قۇچىقىمدا تۇرىدىغان ۋاقتىڭ ھەقىقەتەن كۆپ قالمىغان ئىدى...

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号