ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنى بۇ ئۇسۇللاردا ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇڭ، ئۇلارغا پايدىلىق بولىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-21كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىش ياكى قازىنالماسلىقى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە تەپەككۇر شەكلىنى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ؛ بىر تۈردىكىسى ئۆسۈش تىپىدىكى تەپەككۇر، يەنە بىر تۈردىكىسى بولسا مۇقىم تىپتىكى تەپەككۇردۇر.
   بۇ ئىككى خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ پەرقى بولسا، ئالدىنقىسى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ كىيىنكىسى بولسا، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئەقلى-ئىقتىدارىنى مۇقىم كەلگەن، بۇلار ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۆسۈش تىپىدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىگە بالىلار ئىش قىلغاندا ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندىن خۇشاللىق تېپىپ ھۇزۇرلىنالايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئەقىللىق دەپلا ماختىسا، بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى مۇقىم كەلگەن تۇغما قابىلىيەت بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دىگەن قاراشنى يىتلىدۈرۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈش تىپىدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى يىتىلدۈرۈشىگە پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ.
   بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بالىلارنى ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇشتىكى 15 خىل توغرا بولغان ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈش خارەكتىرلىك تەپەككۇر ئۇسۇلى يىتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن، سىز بۇندىن كىيىن "سىز بەك ئەقىللىق" دىگەن ماختاش سۆزىنى ئۇنتۇپ، تۆۋەندىكىدەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىڭ!
سەن ناھايىتى تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭ! —تىرىشچانلىقىنى ماختاش
   ئەگەر بالىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ تەييارلىغان ناھايىتى چىرايلىق رەسىملىك ئەسىرىنى كۆرسەتسە، خوشاللىق سىزنىڭ بېشىڭىزنى قايدۇرۇپ قويمىسۇن؛ بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى تەييارلاش ئۈچۈن تارتقان جاپاسى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ.
گەرچە ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، ئەمما سەن ئىزچىل تۈردە بۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدىڭ. —ئىرادىسىنى ماختاش
    بالىڭىز ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل رىقابەت سانىلىدىغان بىرەر ئىشنى تۈگەتكەن ۋاقتىدا، مەسىلەن گىمناستىكا مەيدانىدىكى ئىگىزگە يامىشىش جاھازىسىغا يامىشىپ نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بوشاشماستىن نۇرغۇن قېتىم قايتا-قايتا سىناپ باققان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇرغانلىقىنى ماختاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
سىنىڭ ئىش قىلىشتا تۇتقان پۇزۇتسىيەڭ ناھايىتى ياخشى. —پوزۇتسىيىسىنى ماختاش
    بالىڭىز ئۆزى دۇچ كەلگەن ۋەزىپىلەرگە قارىتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان ئاكتىپ ئىنىرگىيىگە تولغان ۋاقىتتا، سىز پۇرسەتنى چىڭ بىلىپ ئۇنىڭ بۇ خىل پۇزۇتسىيىسىنى ماختاپ قويۇڭ.
سەن ....جەھەتتە كۆپ ئالغا ئىلگىرلىدىڭ. —ئىنچىكە ھالقىلارنى ماختاش
   بالىڭىزنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتىكى ئىقتىدارىدا يۇقىرى كۆتۈرلۈش كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىنچىكە تەرەپلىرىنىمۇ ماختاپ قويۇڭ، قانچە كونكىرتنى بولسا شۇنچە ياخشى؛ مەسىلەن: "قوزام، ھازىر سىنىڭ سۇ ئۈزگەن ۋاقتىڭدىكى قول ھەرىكىتىڭ تېخىمۇ ئۆلچەملىك بولۇپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەپەس ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىمۇ تېخىمۇ تەكشى بولۇپ كىتىپتۇ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئىلگىرلەپسەن، سەن بەك قالتىس ئىكەنسەن!" دىگەنگە ئوخشاش.
سىنىڭ دوستلىرىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشىڭ ناھايىتى ياخشى بولدى!  —ھەمكارلىشىش روھىنى ماختاش
    بىر ئادەم ھەرقانچە قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرى يەنىلا چەكلىك بولىدۇ؛ ئەگەر بالىڭىز دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەلۇم بىر ئشىنى ئورۇنلىغان بولسا ھەم ئورۇنلىشى ياخشى بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىز بالىڭىزنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ماختاشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ ئىشقا سەن ناھايىتى ياخشى مەسئۇل بولدۇڭ! —رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ماختاش
    بەزى ئىشلارنىڭ ھەممە قىسمىنى گەرچە بالىڭىز يالغۇز ئۇرۇنلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىز ئۇنى "بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇنلىيالىشىڭلار، سېنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇڭنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىندۇر" دەپ ماختاڭ؛ بۇنىڭدا بالىڭىزغا، گەرچە بەزى قىسىمغا ئۇ ئۆزى قول تىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئورۇنلىنىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر قابىلىيەت ھىسابلىنىدىغانلىقىنى تۇنۇتالايسىز.
سەن قىيىنچىلىقتىن قىلچە قورقمىدىڭ، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس! —جاسارىتىنى ماختاش
     بالىلارنىڭ جاسارىتىنى ماختاش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ.
سەن ئۆيۈڭنى (ياكى كىتاپلىرىڭنى) بەك رەتلىك يېغىشتۇرۇپسەن. —مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە رەتلىك كەلگەن مىجەزىنى ماختاش
    ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان جايلارنى ياخشى رەتلەش، بۇيۇمۇلارنى رەتلىك يېغىشتۇرۇش ۋە ياخشى بىتەرەپ قىلىش، بۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ، ئىش قىلىشتا قائىدە-تەرتىپلىك كەلگەننىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ باشقا ئىشلارنى ياخشى قىلالىشىدىكى ئاساسى ھۇل؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكىنى چوقۇم ماختاش كىرەك.
مەن ساڭا ئىشىنىمەن، چۈنكى.... . —ئىناۋەت دەرىجىسىنى ماختاش
    ياخشى بولغان ئىناۋەت دەرىجىسى، بالىلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىناۋەت تىكلىشىگە مۇۋاپىق تۈردە ياردەملىشىش كىرەك. مەسىلەن بالىلار بىلەن بىرەر ئىشنى كىلىشكەن ۋاقىتتا مۇنداق دىسىڭىز بولىدۇ: "مەن ساڭا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئالدىنقى نەچچە قېتىمدا سەن دىگىنىڭگە ئەمەل قىلغان"، "مەن ساڭا ئىشىنىمەن، سەن چوقۇم ياخشى ئامال تېپىپ چىقالايسەن"...
سىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقاندىكى ئىپادەڭ ناھايىتى ياخشى بولدى!—قاتنىشىشىنى ماختاش
    پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، بالىلارنىڭ نەزەردائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساۋاقلارغا ئىرىشەلەيدۇ؛ شۇڭا بالىلار ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەتلەرگە قاتناشسا ھەمدە پائالىيەت جەريانىدا ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇنىڭ قاتنىشىشقا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى چوقۇم ماختاڭ.
سىنىڭ بۇ خىل تاللاش قىلغىنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدۇم.—تاللاش قىلىشىنى ماختاش
    ۋەزىپىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئورۇنلاش، بەزىدە تىرىشچانلىقتىن بولىدۇ، ئەمما يەنە بەزىدە تاكتىكىنى ئۆزگەرتىپ، توغرا تاللاش ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. قوللانغان تاكتىكىسىنى ماختاشمۇ، ئۆسۈش تىپىدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى يىتىلدۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
سەن ....نى ئىسىڭدىن چىقارماپسەن! سەن بەك قالتىس جۇمۇ!—ئەستايىدىللىقى ۋە ئىنچىكىلىكىنى ماختاش
    ئىنچىكە ئويلايدىغان بولۇش، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۈرۈشتىلا گەۋدىلىنىپ قالماي، ئۇ يەنە بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشى ۋە كۆپ نوقتىلاردىن ئويلىنىشى قاتارلىقلاردىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە ئىنچىكىلىكىنىمۇ ماختاشنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号