ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق ئىسىلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەزىدە قورساق ئىسىلىپ قالىدىغان، ھېق تۇتۇپ كىكىرىدىغان ياكى ئىشتىھا ناچارلىشىپ قالغاندە ھېس قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ كىكىرىش، كۆپىنچە ئاشقازاندىكى گازنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە چىقىرىلىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئاشقازان ئىچىدىكى قورساقنى ئىسىلدۈرگەن گازلار، كىكىرىش شەكلى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ ھەمدە قورساق ئىسىلىش تۇيغۇسىنىمۇ يېنىكلىتەلەيدۇ؛ بىراق، كىكىرىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئادەمدە بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.
   ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق ئىسىلىپ كىكىرىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
   1. ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە نەرسە يىگەن ۋاقىتتا، ئالدىرىماي تولۇق چايناپ ئاستا يۇتۇشى، تاماق يىگەن ۋاقىتتا گەپ قىلماسلىقى ۋە يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى(مەسىلەن، بولكا، پۇرچاق تۈرى قاتارلىقلار) كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
   2. ئەگەر ئېغىزىدىن ئاشقازان سۇيۇقلۇقى يېنىپ چىققىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ ئەگىشىپ كەلسە، مەسىلەن، ئاشقازان ئېچىشىش، ئاچچىق كىكىرىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، تاتلىق يېمەكلىكلەر، مايدا داغلانغان يېمەكلىكلەر، ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل دېگەنگە ئوخشاش غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش لازىم.
   3. ئەتىگىنى بىر ئىستاكان ئىلمان تۇز سۈيىگە(تۇز تەمى سۇسراق) يېرىم تال لىموننىڭ شەربىتىنى قوشۇپ ئىچىپ بىرىش، ئادەتتە تالا ماددىسى كۆپرەك بولغان مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بىرىش لازىم. مەسىلەن، كەرەپشە، پالەك، تۇرۇپ، قارا قېرىنقولاق، ئالما، بانان قاتارلىقلار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号