ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىنىڭ چىرايى بىلەن ئەقلى ئىقتىدارىنى كىمنىڭ گېنى بەلگىلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گېننىڭ ئېرسىيەت قالدۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىبىر ئالاھىدىلىكلىرى گېن ئارقىلىق بالىسىغا ئېرسىيەت قالدۇرىلىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك، بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا، چوڭلار ئادەتتە بالا دادىسىغا بەكرەك ئوخشاپتۇ ياكى ئانىسىغا بەكرەك ئوخشاپتۇ دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىچىدە، قايسىسىنىڭ گېنى بالىسىنىڭ چىراي قىممىتى بىلەن ئەقلى ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ؟
چىراي قىممىتى
   بالىنىڭ چىراي قىممىتى، ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئورتاق بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىسىنىڭ چىراي قىممىتى يۇقىرى بولسا، يەنى چىرايلىق ھەم قاملاشقان بولسا، ئادەتتە بالىسىنىڭ چىراي قىممىتىمۇ تۆۋەن بولۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس.
   گېن ئىرسىيىتى بىز كونترول قىلالايدىغان ئەمەس، بالىلارغا ياخشى سۈپەتلىك گېن ئىرسىيەت قالغان ۋاقىتتا، چىراي قىممىتى تەبىئىيلا تۆۋەن بولمايدۇ؛ بىراق ئەگەر، ئاتا-ئانىسىنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرى ئىرسىيەت قالسا، بۇمۇ ئامال يوق بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.
ئەقلى ئىقتىدارى
   ئادەتتە، ئوغۇل بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئانىسىدىن ئىرسىيەت قالىدۇ، قىز بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بولسا دادىسىدىن ئىرسىيەت قېلىشى مۇمكىن، ھەم يەنە ئانىسىدىن ئىرسىيەت قېلىشىمۇ مۇمكىن.  چۈنكى، ئەقلى ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك ئىرسىيەت گېنى Xخروموسوم ئۈستىدە بولۇپ، ئوغۇل بالىنىڭ Xخروموسومى ئانىدىن كېلىدۇ، Yخروموسومى ئاندىن دادىدىن كېلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، ئوغۇل بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، پۈتۈنلەي ئانىدىن ئىرسىيەت قالىدۇ.
   لېكىن، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ گەرچە توغۇلما خاراكتېرى بار بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى مەزگىللىك مەشىقلەندۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنى كۆپرەك چېنىقتۇرۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىك مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号