ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلار كېچىسى قورسىقى ئېچىپ قالسا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كېرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-15كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەر قانداق ئادەم بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئىككىلىنىپ ئارىسالدى بولۇپ قالىدۇ: ئەگەر بىرەر نەرسە يىيىشنى تاللىسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز بولۇشتىن ئەنسىرەيدۇ، بولۇپمۇ ئەگەر خاتا ئۇزۇقلىنىپ قالسا ئۇيقۇغا پايدىسىز بولۇپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر بىر نەرسە يېمەي چىداپ ئۆتۈپ كېتەي دېسەك، قورساق ئاچلىقتىن ئۇخلىيالماي، ئۆزىنىڭ ۋە قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار كەچلىك تاماقتا بەزىبىر نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك بولۇپ، ساغلاملىق ۋە ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، قورساق ئاسان ئېچىپ قالمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك ھەمدە مۇۋاپىق بولغان ئارام ئېلىش ۋاقتى بار بولۇشى كېرەك؛ بۇنىڭدا، ھامىلدار ئاياللار ئاندىن كېچىسى قورسىقى ئېچىپ كېتىش ئەھۋالىدىن ساقلىنالايدۇ.
   ھامىلدار ئاياللار كېچىدە ئۇزۇقلىنىشىغا ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەر
   يېڭى پىشۇرۇلغان تۇسى بولكىسى، پىچەكگۈل ۋە كاۋا دېگەنگە ئوخشاش قورساقنى ئاسانلىقچە كۆپتۈرۈپ قويمايدىغان يىرىك ئاشلىق، بۇ يېمەكلىكلەردە تالا ماددىسى مول قەنت مىقدارى ئاز، شۇڭا ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئەمما ئاسانلا تويۇنۇش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدۇ؛ بۇندىن باشقا، كالا سۈتىگە سۇلۇ چىلاپ يىسىمۇ بولىدۇ، كالا سۈتى ئاقسىل بىلەن كالتسىي تولۇقلايدۇ، سۇلۇ بولسا تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.
   ھامىلدارلار كېچىدە ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كېچىدە ئۇزۇقلىنىشتا، يەنىلا مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك؛ كېچىدە ئۇزۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇخلاش لازىم. بۇنىڭدا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ. بۇندىن باشقا، قۇرۇق ئاشلىق يىيىش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى ۋە سۇ ئىچىش لازىم؛ بۇنىڭدا ئادەمدە ئاسانلا تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، كىچىلىك تاماقنىڭ مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号