ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ئوباما ئىككى قىزىغا بىكىتىپ بەرگەن 9تۈرلۈك قائىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-11كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلاردا قائىدە-پىرىنسىپ ئىدىيەسىنى قانچە بۇرۇن يىتىلدۈرسەك شۇنچە ياخشى بولىدۇ؛ تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، ئاتا-ئانىلار ئۈلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك.
   مەسىلەن، قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش، رەتكە تىزىلغاندا تەرتىپنى ساقلاش دېگەنگە ئوخشاش كىچىك نۇقتىلارنى توختىماي مەشىق قىلىپ، بالىلاردا بىر خىل كۈچلۈك بولغان ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش لازىم.
   ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما، ئىككى قىزىغا توققۇز تۈرلۈك قائىدە تۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، سىزمۇ كۆرۈپ پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
   1. قاقشاپ ئاغرىنىشقا ياكى باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان مەسخىرىلىك قىلمىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.
   2. ئۇخلىغاندا چوقۇم ئورۇننى تۈزەشتۈرۈپ يېتىش، قارىماققا پاكىز بولسىلا بولىدۇ دەپ قارىماسلىق.
   3. ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش؛ مەسىلەن، كالا سۈتىنى ئۈزى قۇيۇپ ئىچىش، يوتقاننى ئۆزى يېغىش، ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇش دېگەنلەرگە ئوخشاش.
   4. ئويۇنچۇق ئۆيىنى پاكىزە تۇتۇش.
   5. ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھەپتىسىگە بىر ئامېرىكا دوللىرى "ھەق"كە ئېرىشىش.
   6. تۇغۇلغان كۈن ياكى بايرام كۈنلىرىدە، ھەشەم سوۋغاتلىرى ياكى يېغىلىش تەلەپ قىلماسلىق.
   7. ھەر كۈنى كەچ سائەت 8:30دە چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاش.
   8. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. مەسىلەن، ئۇسۇل ئويناش، سېتكا توپ ئويناش، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىقلار.
   9. چولپانلارغا مەستانە بولۇپ قوغلاشماسلىق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号