ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-27كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇرمۇشىمىزدا، توي قىلغىلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەي ئىچى پۇشۇپ كىتىۋاتقانلار ئاز ئۇچرىمايدۇ. بۈگۈن مەن بۇ سەۋەبلىك، ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ئادەتتە نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىللارنى رەتلەپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم؛ ئەگەر سىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىڭىز بار بولسا، سىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى تىگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سەۋەبلەر
   ھەر ئايدا، تۇخۇمدان تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىراق، ئەگەر تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش جەريانى تۇراقسىز بولۇپ قالسا، ئاسانلا ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھامىلدار بولالمىغان 100ئايال كىشىنىڭ ئىچىدە، ئاز دېگەندە 25نىڭ ھامىلدارلىق بولالماسلىقىدىكى سەۋەب، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش سەۋەبىدىن ھامىلدار بولالماسلىقتا، ھەمىشە ئىچكى ئاجرىلىش قالايمىقانلىشىش، ھورمۇن سەۋيىسى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش قاتارلىقلار بىللە ئەگىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا زىيادە سەمىرىپ كىتىش ياكى زىيادە ئۇرۇقلاپ كىتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
   تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشتا كۆرىلىدىغان مەسىلىلەر، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر:
   1. كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋېرسال كېسەللىكى: بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ قورساق كۆتىرىشى كۆپىنچە تەسكە توختايدۇ؛ ئاساسلىقى گىپوفىز بېزى ۋە تۇخۇمداندا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، بەدەندىكى ھورمۇن سەۋيىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقنى يوقىتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.
   2. تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭە توسالغۇسى: گىپوفىز بېزى، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ بەزىبىر ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەر ئايدا تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى غىدىقلايدۇ؛ لېكىن بەزىدە، ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىش رېتىمى بۇزۇلۇپ، قانۇنىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ.
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق
   يەنى، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى زەخمىلىنىش ۋە توسۇلۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، توخۇم توشۇش نەيچىسى زەخمىلەنگەن ياكى توسۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئىسپىرما تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن ئۆتەلمەي، تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.
تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
   1. داس سۆڭەك بوشلۇقى ياللۇغى: ئاياللار ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئۇ ئادەتتە بالىياتقۇغا ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   2. تۆرەلمە غەيرى ئورۇندا يېتىلىش: يەنى، بىز ئادەتتە كۆپ ئاڭلايدىغان بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش. بۇ مەسىلىنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئوپېراتسىيە قىلىش بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇش ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كەلگۈسىدە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنى غەيرى بولۇش كېسەللىكى
   بۇ خىل كېسەللىك، ئاكتىپ ئىچكى پەردە ھۈجەيرىسىنىڭ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى سىرتىدىكى ئورۇنلارغا تىكىلىپ قېلىشى سەۋبلىك كېلىپ چىققان، ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاياللار كېسەللىكىدۇر. ئىچكى پەردە ھۈجەيرىسى ئەسلىدە بالىياتقۇ ئىچىدە تۇغۇلۇپ يېتىلىشى كېرەك؛ بىراق بالىياتقۇ ئىچكى بوشلۇقى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق داس بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىدىغان بولغاچقا، ئىچكى پەردە ھۈجەيرىسى بۇ سەۋەبلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن ئۆتۈپ، داس بوشلۇقىغا كىرىپ ئۆسۈپ-يېتىلىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
   بۇ خىلدىكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورگانىزىملىرى، بەلكىم ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمنىڭ ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزىدە يەنە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.
بالىياتقۇ بوينى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغماسلىق
   بالىياتقۇ بوينىدىكى بىنورماللىقمۇ، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى: مەسىلەن، بالىياتقۇدا بىنورماللىق كۆرىلىش، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالىياتقۇدا ياللۇغ پەيدا بولۇش، بالىياتقۇ بوينى تار بولۇش، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئاسانلا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغۇلما خارەكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى تار بولۇش ۋە بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى سۈپىتى تۆۋەن بولۇشتىن باشقا ئامىللارنىڭ ھەممىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا ياخشىلاپ كەتكىلى ۋە ساقلانغىلى بولىدۇ.
   شۇڭلاشقا، نورمال ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئارتۇق بولغان ھەمدە ھېچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش چارىلىرىنى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا ھامىلدار بولالمىساق، ئۇنداقتا ئەر-خوتۇن ھەر ئىككەيلەن رەسمىي يۇسۇندىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈردە تەكشۈرتۈپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号