ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشتە نىمە ئۈچۈن تۇنجى تۇغۇتمۇ دەپ سورايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-09كۆرۈلىشى : قېتىم
    نەچچە كۈن ئىلگىرى، دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: ئۇنىڭ خوشنىسىنىڭ ئايالىنىڭ قوسىقىغا 38ھەپتە بولغان بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈش قىلدۇرغىلى بارغان؛ تەكشۈرۈش داۋامىدا، دوختۇر ئۇنىڭدىن تۇنجى ھامىلدار بولىشىڭىزمۇ ياكى ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولىشىڭىزمۇ دەپ سورىغان ھەمدە ئۇنىڭ داس سۆڭىكى ۋە بالىياتقۇ بوينى شارائىتىنىڭ ئۆزى تەبىئى تۇغۇشقا ماس كىلىدىغانلىقىنى، ئادەتتە تۇنجى ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ بۇنداق ياخشى شارائىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئىمكان قەدەر ئۆزى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بىر چەتتىكى ئىرى بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلى بىئارام بولۇپ، ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن، ئايالىدىن ئىلگىرى بالا تۇغۇپ باققان باقمىغانلىقىنى سوراپ تۇرۋالغان؛ ئىككەيلەن بۇ سەۋەپتىن قاتتىق جىدەللىشىپ، ئاجرىشىپ كەتكىلى تاسلا قالغان.
   ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرغاندا، دوختۇرنىڭ بۇ خىلدىكى تۇنجى ھامىلدار بولىشىڭىزمۇ ياكى ئىككىنچى بالىغىمۇ دەپ سورىشىنى ئاڭلاپ باققان. دوختۇر نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەپ سورايدۇ؟ بۇنىڭ بەلگىلىك مەقسىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار ئايالغا پايدىلىق. يۇقىرىدا تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن ۋەقەلىكتە، ئەمىلىيەتتە ئىرى كۆپ ئويلاپ كەتكەن.
    ھامىلدار ئايالغا قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، مۇۋاپىق جىكىلەش قىلىش ئۈچۈن
   ئادەتتە، تۇنجى تۇغۇتلۇق ئايال ۋە ئىلگىرى تۇغۇپ باققان ئاياللار ئوتتۇرسىدا زور پەرق بار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇر تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرغاندا، ئادەتتە تۇنجى تۇغۇتمۇ ياكى ئىككىنچىمۇ دەپ سورايدۇ. چۈنكى، ئەگەر تۇنجى تۇغۇت بولسا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بىلىم ساۋاتلارنى چۈشىنىشى يىتەرلىك بولمىغاچقا، دوختۇرنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى لازىم بولىدۇ، جىكىلەيدىغان مەزمۇنلارمۇ نىسبەتەن كۆپرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغۇت كەچمىشى يوق بولغاچقا، تەكشۈرۈشنى كۆپرەك قىلىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپرەك چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
   بىراق، ئەگەر ئىلگىرى تۇغۇپ باققان ئايال بولسا، ئۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇت جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك تەجىربىسى بار بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، دوختۇر بەك كۆپ سۆزلەپ كەتمەي، مۇھىم نوقتىلارنى جىكىلەپ قويسا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئىلگىرىكى تۇغۇت ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، ھامىلدار ئايالدا كونكىرتنى قانداق ئالامەتلەر بارلىقىنى، مەسىلەن، تۇنجى بالىنى تۇغقان ۋاقىتتا ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلار كۆرۈلگەنمۇ يوق قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، كونكىرتنى دىئاگونوز قويۇشتا بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىدۇ.
    تۇنجى ياكى ئىككىنچى تۇغۇت ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئارقىلىق، ھامىلدار ئايالدا تۇغۇت ئەگەشمە كىسەللىكلىرى بار يوقلۇقىنى ئىگىلەيدۇ
   ھامىلدار ئايالنىڭ تۇنجى تۇغۇت ئىكەنلىكىنى ياكى ئىلگىرى تۇغۇپ باققانلىقىنى سوراش ئارقىلىق، دوختۇر ھامىلدا رئايالدا تۇغۇت ئەگەشمە كىسەللىكلىرى بار يوقلۇقىنى بىلىپ يىتەلەيدۇ. مەسىلەن، بەزىبىر تۇغۇپ باققان ھامىلدار ئاياللار، ئەگەر ئۆزى تۇغقاندىن كىيىن، داس سۆڭىكى ئاستىدا بوشىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ قېتىمدا، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىش خەتىرى ساقلىنىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايال بۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان بولسا، ۋاقىت ئارىلىقىنىڭ ئۇزۇن قىسىقىلىقى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىيلىنى ئاسراشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ۋاقىت ئارىلىقى قىسقا بولسا ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىيلە زىيادە چوڭ يىتىلىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئوپراتسىيە ئېغىزى يىرتىلىپ كىتىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقاندىن كىيىن چاپلىشىپ ئۇلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كىرەك بولىدۇ ھەم تۇغۇت جەريانىدىمۇ، دوختۇرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇغۇت تەكشۈرۈشىدە دوختۇرلارنىڭ تۇنجى تۇغۇتمۇ ياكى ئىككىنچىسىمۇ دەپ سورىشى، ئاساسلىقى سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئويلاشقانلىقىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى دوختۇردىن يۇشۇرماي ئەينەن ئېيتىپ بىرىشى كىرەك.
   قوساقتىكى بالا ئۈچۈن ئويلىشىپ، بىنورماللىق كۆرۈلۈپ قېلىشتىن ئالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن
   يەنە بىر نوقتا بولسا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدىكى ھامىيلە ئۈچۈن ئويلاشقانلىق ئۈچۈن بولىدۇ. پىروگېستېرون تۆۋەن بولۇش، ئالدىن بىشارەتلىك ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش، ھامىيلىنىڭ كىندىك بەلبىغى بوينىغا يۆگىلىپ قېلىش، ھامىيلە مىدىرلىشى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، تۇنجى ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ تەجىربىسى بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان بىنورمال ئالامەتلەرنى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ، شۇڭلاشقا دوختۇرلار بۇنىڭغا ئادەتتىن تاشقىرى ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھامىلدار ئايالغا ھەر قايسى ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى ۋە تۇغۇت تەكشۈرۈش تۈرلىرىگە ئەھمىيەت بىرىش ھەققىدە جىكىلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号