ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىنىڭ كىچىك تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىشىدىن بىرىلگەن بىشارەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-24كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىلاردا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالاھىدىلىك بار بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن "كىچىك تالانت" ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەكىلەتسىڭىز ياكى ئويناتسىڭىز ئاسانلا كۈلۈپ كىتىدىغان بالىلار
    كۈلۈشكە ئامراق بالىلارنىڭ تەلىيى بەك ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى كىلىدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشەنمەي قالماڭ، بۇلارنىڭ ئەمىلىي ئاساسى بار. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، كۈلگۈنچەك بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ، ئەقلى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بالىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولسا، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى، ئۇلارنىڭ كۈلۈشنى بالدۇرلا ئۈگىنىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان بالىلار
   چوڭلار بەزىدە بەزىبىر بالىلارنى، بۇ بالىنىڭ كۆزلىرى ئويناپلا تۇرىدىكەن، كۆزلىرىدىن ... ... مەنا چىقىپ تۇرىدىكەن دەپ تەرىپلىشىدۇ. بالىلارنىڭ ئويناقشىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزى بار بولۇشى، ئۇلارنىڭ چىرايلىق كىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىق چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قالايمىقان رەسىم سىزىپ بوياشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار
   بالىلار يىتىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا كىرگەن ۋاقىتتا، قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۈستەل يۈزى، تام دىگەنگە ئوخشاش قەيەر ياكى نىمە نەرسە ئۇدۇل كەلسە، شۇ يەرگە سىزىپ بۇياپ چىقىدۇ؛ بولۇپمۇ بالىلار يول مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كىيىن، ئاق رەڭلىك تامغا ئۇۋال بولىدۇ. گەرچە ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ھالەتنى كۆرۈپ ئاچچىقى كەلسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال، دەل بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بالىلارنىڭ رەسىم سىزغان ۋاقتى، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتىدۇر.
تەقلىد قىلىپ دوراش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلار
    بالىلار تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ تەقلىد قىلىپ دورىيالايدىغان ئادەم، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولىدۇ؛ ئۇنىڭدا تەدرىجى ھالدا ئاڭ پەيدا بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدا سىرتقى دۇنياغا قارىتا تۇنۇش پەيدا بولۇپ، نىمىنى كۆرسە شۇنى دوراپ ئۆگىنىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلمىشىنى پۈتۈنلەي دوراپ ئۈگىنەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号