ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قايتۇرۇش ھەققىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-15كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىككە، يىڭى بىر بىلىم نوقتىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: ھەرقايسى كۆرسەتمىلەرنىڭ ھەممىسى، قىزىتمىنى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قايتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلمايدىغان بولدى!
   بۇ نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەگەر فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قىزىتما قايتۇرۇشتا تاللىغان پەيت توغرا بولمىسا، قىزىتمىنى قايتۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بالىلارنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنمىغان. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە، بۇنىڭ پىرىنسىپىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى:
    ئالدى بىلەن، قىزىشنىڭ ھەرقايسى بۆلەك باسقۇچلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز، قىزىش ئادەتتە ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.
بەدەن تىمپىراتۇرسى يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچى
    قىزىشنىڭ باشلىنىش مەزگىلى بولۇپ، بەلگىلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئادەم بەدىنىنىڭ تىمپىراتۇرسى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىغاندا، سىرتقى مۇھىتتىكى ئەسلىدىكى نورمال تىمپىراتۇرا، ھازىر بالىلارغا نىسبەتەن سۇغۇق غىدىقلاش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى، تىمپىراتۇرنى تەڭشەش بۇيرۇقى تارقىتىپ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇش ئېشىش ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش كېمىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بالىلاردا سۇغۇقتىن قورقۇش، تىرىسى ئاقىرىش، سۇغۇقتىن تىتىرەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. تىمپىراتۇرا يۇقىرى ئۆرلەش مەزگىلىدە، ئەگەر بالىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش نوقتىسى 40سىلتسىيە گىرادوس بولسا، بالىنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى 39سىلتسىيە گىرادوسقا چىققان ۋاقىتتىمۇ، بالىلار يەنىلا توڭلىغاندەك ھىس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى قوللانساق، قىش پەسلىدە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۋەتكەنگە ئوخشاش بولۇپ، بالا ئەلۋەتتە بىئارام بولۇپ، يىغلاپ خاپا قىلىدىغان، تىتىرەك ئولىشىدىغان قاتارلىق ئەھۋاللار تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا فىزىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىمپىراتۇرنى تۆۋەنلەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەدەن تىمپىراتۇرسى يەنە ئۆرلەپ كىتىدۇ؛ چۈنكى، بالىنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش نوقتىسى 40سىلتسىيە گىرادوس.
يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىش مەزگىلى
    بەدەن تىمپىراتۇرسى يۇقىرى ئۆرلەپ، چوڭ مىڭە بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى بىكىتكەن يىڭى تىمپىراتۇرا تەڭشەش نوقتىسىغا يەتكەندىن كىيىن، بەدەن تىمپىراتۇرسى قايتا يۇقىرى ئۆرلىمەيدۇ، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ئىشلەپ چىقىرىشى ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىشى بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ مەزگىل ئادەتتە يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىش مەزگىلى دىيىلىدۇ. بالىلاردا بۇ ۋاقىتتا، ئۆزىنى قىزىپ كەتكەندەك ھىس قىلىش، تىرىنىڭ تىمپىراتۇرسى ئۆرلەپ قىزىرىش، تىرە قۇرغاقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
بەدەن تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەش مەزگىلى
   قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەنبەسىنىڭ خوراپ تۈگىشى ياكى يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ بىكىتكەن تەڭشەش نوقتىسى نورمال سەۋيىگە قايتىپ كىلىدۇ ھەمدە ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارى، ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا قارىغاندا يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ؛ بالىلاردا بولسا، تەرلەش، بەدەن تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
   يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن، سىز بەلكىم، فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بولۇپمۇ بەدەن تىمپىراتۇرسى يۇقىرى ئۆرلەش مەزگىلىدە، فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا چوقۇم بولمايدۇ.
    ئىككىنچىدىن، تەۋسىيە قىلماسلىق، ئىشلىتىشنى چەكلەشكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ ئۇنداقتا قايسى ۋاقىتتا فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق بولىدۇ؟
   يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىش مەزگىلى ۋە بەدەن تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەش مەزگىلىدە، ئەگەر بالىلار بەك قىزىش ھىس قىلسا، فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق بولىدۇ. چۈنكى، قىزىتما قايتۇرۇشنىڭ مەقسىتى، بالىلاردىكى بىئاراملىقنى تۈگىتىش ئۈچۈندۇر. لىكىن، ئەگەر بالىلار ئۆزى قىزىپ كەتكەندەك ھىس قىلمىسا، ئۇنداقتا فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كىرەك؛ چۈنكى، بۇ ئىككى مەزگىلدە بەدەن تىمپىراتۇرسى قايتا يۇقىرى ئۆرلىمەيدۇ، ئەكسىچە تۆۋەنلەشكە تەييارلىنىۋاتقان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆز رايىغا قويۇپ بىرىشمۇ، بالىلارغا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا قوللىنىش لازىم
    بالىلارغا فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، يېشى قانچە كىچىك بولغانسىرى، ئۇلارغا ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈش، مۇز قويۇش، توڭلىتىلغان تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۈچەينى توشقۇزۇش قاتارلىق كۈچلۈك غىدىقلاش تىپىدىكى تىمپىراتۇرنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇھىتنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىش، كىيىمنى ئازايتىش، ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش، پىشانىسىگە ھۆل لۈڭگە قويۇش قاتارلىق نىسبەتەن مۆتىدىلرەك كەلگەن تىمپىراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كىرەك. يەنە بىر نوقتا بولسا، پەقەت بالا ئۆزى خالىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر بالا خالىمىسا، بۇ ئۇنى بىئارام قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ.
تۆۋەندە بىز، فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولغان، ئىلمان سۇدا يۇيۇش ئۇسۇلىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    1. ئۆي تىمپىراتۇرسى 24سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولۇش؛
    2. سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى، بالىنىڭ بىئارام بولماسلىقىنى ئاساس قىلىش كىرەك؛
   3. پاكىزە لۆڭگە ياكى بۇلۇتنى سۇدا ھۆللەپ، بالىنىڭ بەدىنىنى، بىلەكلىرى ۋە پۇتلىرىنى سۈرتۈپ بىرىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ بەدىنىگە يۇققان سۇ ھورغا ئايلىنىش جەريانىدا، بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى 2-1سىلتسىيە گىرادوس تۆۋەنلىسە، بۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان سەۋيە ھىسابلىنىدۇ.
   4. ئەگەر بالا بەدىنىنى سۈرتۈپ قويۇشقا ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى سۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئوينىغىلى قويۇپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.
   5. ئەگەر بالا بەدىنىنى سۈرتۈشنى ۋە سۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئويناشنىمۇ خالىمىسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانماڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号