ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ھامىيلە يىتىلىشتىن توختاپ قالسا بۇ سىگناللار كۆرىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-02كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىيلە ئانىسىنىڭ قوسىقىدا كۈنسايىن ئۆسۈپ-يىتىلىدۇ؛ بىراق ئەگەر، ئۇلار تۇيۇقسىزلا ئۆسۈشتىن توختاپ قالسا، يىنىكرەك بولغاندا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىيلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، ھازىر ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قېلىش ھادىسىسى بارغانسىرى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋال نۇرغۇن ئاياللارنى ئەندىشىگە سالماقتا؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قېلىشى، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىنى ئالدۇرۋىتىشكە مەجبۇر بولىشىدىن دىرەك بىرىدۇ.
    بالا چۈشۈپ كىتىشنىڭ بالىياتقۇغا بولغان زىيىنى، بالا نورمال تۇغۇلغاندىكى بالىياتقۇغا بولغان زىيىنىنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قېلىش ئالامەتلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، تاساددىبى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.

    ھامىيلە ئۆسۈشتىن توختاپ قالسا، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل "سېگنال" كۆرىلىدۇ.
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، قوساق قاتتىق ئاغرىپ تاشقى جىنسى ئەزادىن قان ئاقىدۇ
   ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ھەيىزنىڭ توختايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن قان كىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ؛ بىراق ئەگەر ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە تاشقى جىنسى ئەزادىن قان كەتسە، مەيلى قانچىلىك مىقداردا بولسۇن، بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قاراش كىرەك. بولۇپمۇ ھاجەتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ئاز مىقداردا قان سۈيى ئېقىپ چىقىش بىلەن بىرگە، قوساق ئاغرىش بىللە ئەگىشىپ كىلىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتىكى قوساق ئاغرىق ھەرقانچە بوش بولسىمۇ، يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن بولغانمۇ يوق، تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاستىلاپ قېلىش
   كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تۇيۇقسىزلا يېقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسەك، ئۇنى قۇتقۇزغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ بار يوقلىقىنى ئاڭلاپ باقىمىز. ئەگەر يۈرەك سوقۇشى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنى قۇتقازماق ئاسان؛ بىراق ئەگەر، يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئاۋال ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كىرەك.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئادەتتە يۈرەك سوقۇشى ئارقىلىق، بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ياكى توختاپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىمىز. ھامىيلىمۇ شۇنداق، بىز ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنى ئارقىلىق، ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
   ئەگەر ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئىنتايىن ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىساق، ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، بەلكىم ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولۇشى مۇمكىن.
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدا بىنورماللىق كۆرۈلسە ياكى مىدىرلاشتىن توختاپ قالسا
   گەرچە ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈپ، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، ھامىيلە نىسبەتەن تۇراقلاشسىمۇ، ئەمما ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدىمۇ ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئاز ئەمەس.
   شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش.
   ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىيلىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولسا ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدۇر. بىز ئادەتتە، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا بىۋاستىلا ھۆكۈم قىلالايمىز. ئەگەر ھامىيلىدە ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلاش بولمىسا، بۇ بەلكىم ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号