ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بىر بالىنى كىرەكتىن چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-31كۆرۈلىشى : قېتىم
    نەچچە كۈن ئىلگىرى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بېرىپ، ئىشىكتىن كىرىشىمگە، بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ۋە دوستۇمنىڭ ۋاقىراپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم: ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈڭ پىئانىنو چېلىشنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن، بىز شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ سىنى پىئانىنو چېلىشنى ئۆگىنىش سىنىپىغا بەرسەك، ئەمدى ئۆگەنمەيمەن دەيسەنغۇ؟ سەن ھېچنىمە ئۆگەنمىسەڭ، كىيىن قانداق قىلىسەن؟
    دوستۇمنىڭ بالىسىغا بەرگەن بۇ تەنبىھى، ماڭا يەنە بىر دوستۇمنىڭ بالىسىغا قىلغان تەربىيەسىنى ئەسلەتتى: ھېچقىسى يوق، ئۆگەنگۈڭ كەلمىگەن بولسا ئۆگەنمە؛ ئەركىن-ئازادە چوڭ بولۇش ھەممىدىن مۇھىم.
   بۇ ھەرگىز تاساددىبى ئۇچرىشىپ قالغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە. بىز ئۆزىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا، ئاتا-ئانىمىز بىزگە ئۇنى ئۆگەن بۇنى ئۆگەن، ئۇنى قىلما بۇنى قىلما دەپ تەلەپ قويۇپ، يا بۇنى چەكلەپ قويۇپ ياكى ئۇنىڭغا مەجبۇرلاپ بىزنى تولىمۇ نارازى قىلغان. شۇڭلاشقا بىز چوڭ بولۇپ پەرزەنتلىك بولغاندىن كىيىن، بالامنى مىنىڭ كونا يولۇمغا دەسسەتمەي، ئۇنىڭغا چوقۇم يىتەرلىك ئەركىنلىك بىرىمەن دەپ قەسەميات قىلىشىمىز.
   يەنە بىر خىل قاراش بولسا، بالىلار ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلار ھازىر ئۆگىنىشنى خالىمىسا، بىز ئۇلارنىڭ ئۆگەنمەسلىكىگە يول قويساق، چوڭ بولغاندىن كىيىن ھېچ ئىش قىلالماي، باشقىلارنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالىدۇ. مەن بولسام، ھازىر ئۇنىڭ ماڭا نەپرەتلىنىپ ئۆچ بولۇپ قېلىشىغا رازىمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭ كىيىنچە ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قېلىپ، ماڭا بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىپ ئۆتىشىنى خالىمايمەن.
   بۇ مەسىلىگە قارىتا، مەن كىيىنكى خىل قاراشنى قوللايمەن. سەۋەبىم ناھايىتى ئاددى: ئەگەر بالىلارنى ئەركىن چوڭ بولۇشقا قويۇپ بەرسەك، ئۇنداقتا ئائىلە باشلىقىنىڭ نىمە كىرىكى؟ ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا، نەدىمۇ مۇتلەق ئەركىن-ئازادىلىك بار بولسۇن؟
   كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئۇنى بۇنى ئۆگەنگەن بالىلار، چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار ئەجىبا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ تۇرۇشىدىن مىننەتدار بولمامدۇ؟ ئەجىبا ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلىم تەھسىل قىلمىغىنىغا پۇشايمان قىلمامدۇ؟
    بىز ئويلاپ باقساق بولىدۇ، كۆپ قىسىم دىمكراتىك تىپتىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قىزىقىش سىنىپلىرىغا قاتنىشىشقا قانداق كۆندۈرىدۇ؟ بىرىنچى قەدەمدە بالىسىنىڭ قايسى جەھەتلەردە تالانتى بارلىقىنى ۋە نىمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى كۆزىتىدۇ؛ ئىككىنچى قەدەمدە مەقسەتلىك ھالدا بالىسىنى بۇ جەھەتتىكى قىزىقىش كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىشقا يىتەكلەيدۇ.
    ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ قانداق بىر جەريان؟ مەن سەكرەپ تاقلاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن؛ دادام بىلەن ئاپام مىنى ئۇسسۇل ئويناشقا ئۇستا دەپ  ماختايدۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتا-ئانام مەندىن ئۇسسۇل ئۆگىنىش سىنىپىغا قاتناشقۇم بار يوقلۇقىنى سورايدۇ، مەن ئەلۋەتتە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولىمەن. بىراق، مەن ئۇسسۇل ئۆگىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن؛ شۇڭا كۇرۇسقا قاتناشقاندىن كىيىن، بىردەم پەي سوزۇپ، بىردەم مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ھەرىكەت ئىشلەپ، ئازراقمۇ ئەركىن بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنگۈم كەلمەي قالىدۇ، چۈنكى بۇ مەن ئويلىغانغا ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا مەن ئاتا-ئانامغا ئۇسسۇل ئۆگەنمەيمەن دەيمەن.
    ئەگەر ئاتا-ئانىسى داۋاملىق تۈردە دىمكراتىيەنى يولغا قويۇپ، بالىنىڭ ئۇسسۇل ئۆگەنمەسلىكىگە ماقۇل بولسا، ئۇنداقتا بالىسى كىيىنكى قېتىمدا چامباشچىلىق ئۆگەنمەكچى بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۇنى چامباشچىلىق سىنىپىغا ئاپىرىپ بەرگەندىن كىيىن، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، بالىسى يەنە چامباشچىلىق ئۆگەنمەيمەن دەپ قايتىپ كىلىدۇ. بۇنداق يامان خارەكتىرلىك ئايلانما تەسىرى ئاستىدا، بالا چوڭ بولغاندىن كىيىن، ھەرقانداق ئىشتىن ئازراق خەۋرى بار، ئەمما تەرجىمىھالىغا بىرەر ئارتۇقچىلىقىنى يېزىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
    ئەگەر ھەر ئىشتا بالىنىڭ ئويىغا بېقىپ ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى ئەركىن ئازادە چوڭ بولۇشقا قويۇپ بەرسەك، ئۇنداقتا بالىنى ھامان بىر كۈنى كىرەكتىن چىقىرىمىز. ھەممە كىچىك بالىلار جوۋ جىيېلۈنغا ئوخشاش، چوڭلار مەجبۇرلىمىسىمۇ، ئۆزى كىچىكىدىنلا ناخشا-مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەمەس. بىز بالىلارننىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە تالانت ئىگىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى، ھەتتا بۇ جەھەتتىكى قابىللاردىن بولۇپ چىقالىشىنى تەلەپ قىلمايمىز؛ بىز پەقەت، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئېغىزغا چىققۇدەك بىرەر ماھارەت ئىگىلىۋىلىشىنى، باشقىلاردىن بىرەر ئىشنى بولسىمۇ ئازراق ئۆتىنىشىنى، تەرجىمىھالىغا بىرەر ئارتۇقچىلىق توشقۇزالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   بەزىبىر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ھەۋەس-قىزىقىشىنى پايدا مەنپەئەت قوغلىشىشقا ئۆزگەرتىۋالدى دەپ قارايدىغان ئاتا-ئانىلارغا قارىتا مىنىڭ سورايدىغىنىم: بىز ئىنىقلا پايدا مەنپەئەت قوغلىشىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان تۇرساق، ئەگەر بۇنى پايدا-مەنپەئەت قوغلاشقانلىق دىسەك، ئۇنداقتا بالىلارنى ئوقۇتۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشىمىز نىمىگە ھىساب؟ بۇ پايدا مەنپەئەت قوغلاشقانلىق ئەمەسمۇ؟
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى قىزىقىش سىنىپلىرىغا قاتناشتۇرغاندا، ئەگەر بالىلار ۋاز كەچمەكچى بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بوشاشماي بەرداشلىق بىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش. ھېچقانداق بىر نەتىجە قول سۇنۇپلا ئالغىلى بولىدىغان ئەمەس، شۇڭا بالىلارغا ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئاققۇزغان قان تەرلىرى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرى ھەققىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى كۆپرەك سۆزلەپ بىرىش كىرەك؛ بالىلارنى ئوخشاش قىزىقىش-ھەۋەسلىرى بار دوستلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە ئوينىغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە يىتەكلەش؛ بالىلارنى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ۋاقتىدا ئىجابى ئىنكاس ۋە ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلماق لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号