ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنى ھامىيلە مېڭى بار تۇغۇلۇپ قالمىسۇن دىسىڭىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-12كۆرۈلىشى : قېتىم
   چىرايلىق بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇش، ھەربىر ھامىلدار ئايالنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا، بالىسىنىڭ ھامىيلە مېڭى بار تۇغۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. بىراق، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ھامىيلە مېڭى كۆرۈلۈش نىسبىتى %10بولۇپ، بەزىدە ھامىيلە مېڭىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولمايدۇ. ھامىيلە مېڭىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشى، تۇرمۇش ئادىتى، ئائىلە مۇھىتى ۋە رادىئاتسىيە قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىڭىزنىڭ ھامىيلە مېڭى بار تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك.
توڭلىتىلغان ۋە خام يىمەكلىكلەرنى ۋە گورمۇنلۇق يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىش
    ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق ۋاقتىدا توڭلىتىلغان ياكى خام يىمەكلىكلەرنى ۋە ياكى گورمۇنلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا، بالىسى ھامىيلە مېڭى بار تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ھامىلدار ئايالنىڭ بىخەتەر بولغان يىشىل مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ خوگو قاتارلىق ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بۇ خىل ماددىلار ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدە رەڭ ماددىسى چۆكمىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، بالىنىڭ ھامىيلە مېڭى بار تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گىرىم قىلماسلىق
   نۇرغۇن ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ قېنىق گىرىم قىلىپ يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ چاچقان ئەتىرلىرىنىڭ پۇراقلىرىنى يېراقتىنلا پۇراپ يەتكىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە، نۇرغۇنلىغان رەڭ ماددىلىرى ۋە مىتال تەركىبلىرى بار بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە گىرىم قىلىشنى تاشلىمىسا، بۇمۇ بوۋاقنىڭ ھامىيلە مېڭى بار تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
رادىئاتسىيەدىن يېراق تۇرۇش
    ھامىلدار ئايالنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك؛ مۇھىت پاكىزە بولسا، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىنىڭ ھەرئىككىسى راھەت ھىس قىلىدۇ. رادىئاتسىيە بىلەن مۇھىت بۇلغىنىش، ھامىيلىدە مەڭ شەكىللىنىپ قېلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن مەزگىل رادىئاتسىيە مەنبەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتسە، ياكى ئۇزۇن ۋاقىت رادىئاتسىيە كۈچلۈك مۇھىتتا تۇرۇپ قالسا، يىنىك بولسا ھامىيلىدە مەڭ شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بەزى ھامىيلە مەڭلىرى، قان تۇمۇر تىپىدىكى ھامىيلە مېڭى بولۇپ، ئاساسلىقى ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بىرەر يەرگە قاتتىقراق ئۈسۈپ بەرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ھامىلدارلىق 8-ئېيىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ھامىيلە زەھىرىنى تازىلايدىغان بەزىبىر يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号