ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ قولاق كىرىنى كوچىلاشقا بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-27كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلارنىڭ قولاق كىرى سۇ سېرىق رەڭلىك قاتتىق پارچە ھالەتتە بولىدۇ؛ يەنە بەزى بالىلارنىڭ بولسا مايلىق مەلھەم ھالىتىدە كىلىدىغان بولۇپ، سىرتقى قولاق ئىچكى دىۋارىغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ. قولاق كىرى، قولاق يولى تىرىسىدىكى "قولاق سېغىزى بېزى" ئىشلەپچىقارغان بىر خىل ئاجرالما ماددا بولۇپ، تىبابەتتە قولاق سېغىزى دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى قولاق كىرى بولمىسۇن، ھەممىسىنىڭ قولاق يولى تىرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇش، غەيرى ماددىلارنى ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇپ توسۇپ قېلىش، قولاققا سۇ كىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار.
    1. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ قولاق كىرىنى خالىغانچە كوچىلىماسلىق كىرەك. چۈنكى، بالىلارنىڭ سىرتقى قولاق يولى تىرىلىرى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، قولاقنى كوچىلىغاندا بۇ يۇمران تىرىلەر ئاسانلا زەخمىگە ئۇچراپ ياللۇغلىنىش كىلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە، بۇ قولاق كىرلىرى، بالىلار ئەمگەن ۋاقىتتا يۈز قىسمىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە ئەگىشىپ بوشاپ، ئۆزلىگىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ. ئەگەر بىرقەدەر قاتتىق بولغان سېغىز نۆكچىسى شەكىللىنىپ قولاق يولىنى توسۇپ قويغان بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرلارنىڭ كەسپى ئۇسۇل ئارقىلىق پاكىزلاپ ئېلىۋىتىشىنى تەلەپ قىلماق لازىم
    2. ئەگەر مايغا ئوخشاش قولاق سېغىزى بالىلارنىڭ قولىقىنىڭ سىرتىغا ئېقىپ چىقسا، ئاتا-ئانىلار پاختىلىق شارىكباشنى نەمدەپ، سىرتقى قولاق ئاجرالما ماددىلىرىنى يىنىك ھەرىكەت بىلەن تازىلاپ بەرسە بولىدۇ. پاختىلىق شارىكباش بىلەن قولاق سېغىزىنى تازىلاش جەريانىدا، شارىكباشنى بالىنىڭ قولىقىغا بەك چوڭقۇر كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.
سېرىق رەڭلىك شىلىمشىق ئاجرالما ماددىلىرىغا ھۆكۈم قىلىش
مايلىق قولاق كىرى
    مايلىق قولاق كىرى ئاجرىتىپ چىقارغان بالىلاردا شەكىللەنگەن قولاق كىرى، قۇڭۇر سېرىق رەڭلىك، مايلىق شىلىمشىق ماددا بولۇپ، تۇلۇق قۇرۇتىن بۇرۇن سىرتقى قولاق يولىغا تولۇپ كىتىدۇ؛ بەزىدە قولىقىنىڭ سىرتىغا ئېقىپ چىقىدۇ، بەزىدە قېتىشىپ مونەك-مۇنەك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلاردا ئادەتتە قولىقىنى قاشلايدىغان ياكى قاشلاشقا ئۇرۇنىدىغان ئىنكاستىن باشقا غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. ئادەتتە، ئۇلارنىڭ قولىقىغا سۇ ۋە چاڭ-توزان كىرىپ كىتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كىرەك.
ئوتتۇرا قولاق ياللۇغى
   بالىلارنىڭ قولىقىدىن سېرىق رەڭلىك ئاجرالما ماددىلار ئېقىپ قالسا ھەمدە غەلىتە پۇراق بار بولسا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە بالا يىغلاپ خاپا قىلىپ، توختىماستىن قولىقىنى تۇتۇش ياكى بېشىنى چايقاش، ئاڭلاش سىزىمى تۆۋەنلەش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئەگىشىپ بىللە كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بالا چوقۇم ئوتتۇرا قولاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار دەرھال بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرتۈپ داۋالىتىشى كىرەك.
قولاق ھۆل تەمرەتكىسى
    بەزى بالىلارغا ھۆل تەمرەتكە چىقىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ يۈز قىسمى ۋە باش تىرىسىدە تەمرەتكە ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ قولىقى ۋە قولاق يولى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىغان تەمرەتكە ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، بەزىدە يەنە سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ. بۇنداق رىئاكسىيە خارەكتىرلىك تىرە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بالىلار، ھەمىشە بەك قىچىشىپ كەتكەنلىك ياكى قىزىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن يىغلاپ خاپا قىلىدۇ ھەمدە ھەمىشە قولاقلىرىنى يۇلۇپ قاشلاپ، ئۇخلىغاندىمۇ شۈك ياتالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ قولاق يولىنى پاكىز تۇتۇشى، قولاق قسىمىنى زەخمىلەندۈرۋىلىپ ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، بالىنىڭ قولىنىڭ تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈپ قويماسلىقى لازىم ھەمدە ھۆل تەمرەتكىنى داۋالاپ ساقايتىشقا ئالدىرمىقى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号