ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك ئۈچ مەسىلە
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-14كۆرۈلىشى : قېتىم
     بالا، بىر ئائىلىنى ئەڭ مۇھىم تەشكىل قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرىدۇر؛ شۇڭا، ئاياللار ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئادەتتە باشقىچە ئىھتىياتچان بولۇپ كىتىدۇ، بىرەر ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويسا قورسىقىدىكى ھامىيلىگە تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئويلايدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپىيىپ كىتىدۇ. مەسىلەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىمىلەرنى يىسە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە بەكرەك پايدىلىق بولىدۇ؟ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈپ قالارمۇ دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا ھامىلدار ئاياللار قانداق قىلىشى كىرەك؟ ئەمىلىيەتتە، بۇ ناھايىتى ئاددى؛ ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلسىلا، ئۇنداق كۆپ ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاز ھەرىكەت قىلىپ كۆپرەك ئارام ئېلىش كىرەكمۇ؟
    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، "ھامىلدار ئاياللار سىرتقا ئازراق چىقىپ كۆپرەك ئارام ئېلىشى كىرەك، بولمىسا بالىسى چۈشۈپ كىتىشى مۇمكىن" دىگەنلەرگە ئوخشاش قاراشلارنى ئاڭلاپ قالىمىز. گەرچە بۇ بىر جۈملە گەپنىڭ ھېچقانداق ئاساسى بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭغا ئىشنىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىمكاننىڭ بارىچە سىرتلارغا چىقماسلىققا تىرىشىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى، ئەلۋەتتە خاتا. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ تەن ساغلاملىقى ياخشى بولسىلا، سىرتلارغا كۆپرەك چىقىپ، بەلگىلىك دەرىجىدىكى ھەرىكەتلىنىش مىقدارىنى ساقلاپ بىرىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماي، يەنە تېخى ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدىكى بالىغا نۇرۇغۇن پايدىلارنى يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھامىلدار ئايالنىڭ قېنىدىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلى دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئەگەر ھامىلدار ئايال مۇۋاپىق تەردە ھەرىكەتلىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسا، ئۇلار يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كونتىرول قىلىپ، بوۋاقنىڭ ئۆلچەمدىن چوڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كىيىن خامۇشلىشىپ قېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەلگىلىك مىقداردىكى ھەرىكەتلىنىشنى ساقلاپ، ئارام ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قانداق قىلىش كىرەك
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش نىمە؟ ئىشىنىمەنكى، يېرىمدىن كۆپرەك ھامىلدار ئايالنىڭ بىرىدىغان جاۋابى يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئەنسىرەش بولىدۇ. بۇ خاتا ئەمەس، ئەگەر ھامىلدار ئايال خاتا نەرسىلەرنى يەپ قالسا، قوسىقىدىكى بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭغا قارىتا، ھامىلدار ئاياللار يىمەك-ئىچمىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى كىرەك؟ ئالدى بىلەن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەندىن كىيىن، ئاندىن ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ئوخشاش بولمىغان يىمەك ئىچمەك تاللىشى كىرەك. بىرىنچى باسقۇچ ھامىلدارلىق 3-0 ئېيى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا تېخى كۆپ ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن بولىدۇ؛ شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، يىمەك ئىچمەك جەھەتتە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى تاللاش ۋە فولىن كىسلاتا ئىچىپ بىرىپ، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك. ئىككىنچى باسقۇچ ھامىلدارلىق 6-4ئېيى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بارغانسىرى يوغىناشقا باشلايدۇ ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تەدرىجى ئېشىپ بارىدۇ؛ شۇڭا بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئايال بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا باشلاپ، ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىشى ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كۆپرەك سەيلىگە مېڭىپ بېرىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆمۈر ۋە يۇد، فولىن كىسلاتا، DHA تۇلۇقلاش لازىم. ئۈچىنچى باسقۇچ، ھامىلدارلىق 9-7ئېيى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئايال كالتسىي ۋە تۆمۈر تۇلۇقلاشنى كۈچەيتىش كىرەك. ھامىلدار ئاياللار يۇقىرىدىكى ئۈچ باسقۇچ بويىچە، ھەرقايسى مەزگىللەردە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئىلمىنتلارنى تۇلۇقلاپ بەرسە يىمەك ئىچمىكىنى تاللىسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاساسەن مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن قانداق قىلىش كىرەك
    تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، تۇغۇتىدا كۈتۈنۈش جەريانىدا، ئاياللار كۆپرەك دىققەت قىلىشى كىرەك. بۇ ئەڭ جاپالىق ھەم ئەڭ خەتەرلىك مەزگىل بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ماغدۇرى ۋە زىھنى قۇۋۋىتى ئەسلىگە كىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز كىلىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگخلدە كىسەل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئەڭ مۇھىم ھىسابلىنىدۇ. تۇرمۇشتا، نۇرغۇن يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار چوڭلارنىڭ توسۇشى نەتىجىسىدە يۇيۇنمايدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل قىلمىش خاتا. تۇغۇپ ياتقان مەزگىلدە، يۇيۇنۇپلا قالماي، تۇغۇتتىن كىيىنكى پاكىزىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. ئادەتتە ئۆزى تۇغقان ئاياللار، تۇغۇپ 5-2كۈندىن كىيىنلا يۇيۇنسا بولىدۇ؛ ئەگەر يۇيۇنۇشقا ھەقىقەتەن بەك خاتىرجەم بولالمىسا، ئۇنداقتا ھەپتىسىگە ئاز دىگەندىمۇ بىر قېتىم چېچىنى يۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. چۈنكى، ئادەمنىڭ چېچىدا مىكروپ ۋىروسلار بەك كۆپ بولۇپ، بالىنى ئىمىتكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانماي بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号