ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ئۆيىڭىزدىكى شاكىچىك قانداق كەپسىزلىكلەرنى قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-14كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەڭ ئەنئەنىۋى بولغان تۇنۇش قاتلىمىدا، بالىلار سەبىيلىك ۋە ساپلىقنىڭ سىموۋولى بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئالقىنىدىكى پەرىشتىسى ھىسابلىنىدۇ؛ بىراق، پەرىشتىنىڭمۇ "ئالۋاستىغا" ئايلىنىپ قالىدىغان ۋاقتى بار بولۇپ، بالىلارنىڭ كەپسىزلىك بەزىدە يىغلۇغىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
    تۆۋەندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەپسىزلەرنىڭ "ئىجادى ئەسەرلىرى"دىن دىققىتىڭىزگە بىرنەچچە ئۆرنەك سۇنىمىز.
    بۇ يىگىتچاقنىڭ پىكاسوغا ئايلانغۇدەك يۇشۇرۇن تالانتى باردەك قىلىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ نىمە سىزغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما يىگىتچاق، داۋاملىق تىرىشىڭ! كەلگۈسىنىڭ دەرۋازىسى سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئۇچۇق.
    ئانام ماڭا ياخشى نەرسىلەرنى ھەمراھلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىنىش كىرەك دەپ ئېيتقان. سۈت دىگەن شۇنداق ياخشى نەرسە تۇرسا، يەنىلا يەرگە تۆكۈپ، ئاسلانچاقلىرىم بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىناي!
    بۇ سىرنىڭ رەڭگىنى نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ سىر قۇتىسىنى كۆرمىگەن ئادەم، بۇ بالىنى ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كىتىپ ئەمدى چىققان ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك.
    "مىنى كىچىك چاغلاپ قالماڭ، مەنمۇ گۈزەللىكنى سۈيىمەن!"، پەقەت شۇ قاش سىزىش ئۇسۇلىنى ھازىر تېخى يازا ياخشى ئۆگىنىپ بولالمىدىم.
    بۇ ماھىرىمىز چەكتىن سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە لىفىتقا چىققان كىچىك دوستلارنىڭ يىغلۇغۇسى كىلىپ كەتكەندۇ شۇ تاپتا.
    كىچىك تۇرۇپلا ئوبراز لايىھەلەشنى ئۆگىنىۋاپتۇ مانا، ئۇنىڭ بۇ قولايلىق چۆپ چېچى بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ؛ ئەنگىلىيە سوتىدىكى ئادوۋكاتلارغا ئازراق ئوخشاپ قالدىمۇ قانداق؟
    دادام بىر كۈن جاپا تارتىپ ئاران تەييار قىلدى بۇ يەرنى. ئەمما تېخىچە تامغا بېسىلماپتۇ، ئادەم يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنپ مەن نەچچە تامغىنى ئارتۇقراق بېسىپ قوياي.
   ھاجەتكە ئولتۇرغاندا تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇش كىرەكلىكىنى بىلىشقۇ ياخشى ئىش، ئەمما سىز نىمانداق ئىچىگە كىرىۋالدىڭىز؟ چىقالماي قاپسىزغۇ مانا!
   ئەڭ ئاخىرقى ماھىرىمىزغا ئالقىش ياڭرىتايلى، چاۋاك!!! بۇ يىگىتچاق ھەقىقەتەن بەك قالتىسكەن، ئۇنىڭ كاللىسىنى قانداق تىققانلىقىنى ئويلاپ يىتەلىدىڭىزمۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号