ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » گۇرۇچ تائاملار
ئۆپكە - ھېسىپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-04-14 كۆرۈلىشى : قېتىم

     خام ماتېرىيالى: قوي ئۆپكە - قېرىنى، قوينىڭ مايلىق ئۈچىيى، قوي جىگىرى، قوي يۈرىكى، قوي لوق گۆشى، قىزىل-سېرىق سەۋزە، ئۇن، گۈرۈچ، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، شوخلا، سامساق، پىياز، تۇخۇم، نوقۇت، ئىستېمال مېيى 

     تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ، زىرە، ئاقمۇچ، قاقمۇچ، زاراڭزا چېچىكى، پىننە، خەمەك، تۇرغۇنجان ئۇستام ئەنئەنىۋى تەڭشەلگەن دورا-دەرمەكلىرى

      تەييارلاش ئۇسۇلى

    1. ئۆپكە-قېرىن ۋە مايلىق ئۈچەينى، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.

    2. خېمىر يۇغۇرۇپ ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى مىجىپ شىرنىسىنى چىقىرىمىز.

    3. ئۆپكە قۇيۇش ناچىسىنى ئۆپكە كانىيىغا چىڭ باغلاپ، خېمىر شىرنىسىنى ماڭغۇزىمىز؛ ئۆپكىنىڭ ھەممە يىرىگە شىرنە بارغاندىن كېيىن، سۇ ماي قۇيىمىز؛ كەينىدىن يۇمشاق قوچۇلغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقى قۇيىمىز.

    4. ئۆپكىنى شىرنە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ماڭغۇزۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قازان ئېسىپ، ئۆپكە-قېرىننى تەڭلا سالىمىز ھەمدە ئۆپكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە قاينىتىپ پىشۇرىمىز.(ئارىدا ئۆپكىنى ئۆرۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ)

     5. ھېسىپ قۇيۇشقا كېتەرلىك قوي جىگىرى، لوق گۆش، قوي يۈرىكى، قىزىل-سېرىق سەۋزە، شوخلا، سامساق، پىياز، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، ئاشكۆكى قاتارلىقلارنى دان-دان ھالىتىدە ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.

       6. گۈرۈچنى يۇيۇپ بولۇپ، قايناقسۇغا سەككىز مىنۇت چىلاپ قويىمىز.(بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۈچەينىڭ تىشىلىپ ئىچىدىكى ماتېرىياللارنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر)

       7. سەككىز مىنۇت توشقاندىن كېيىن، گۈرۈچنى سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقايمىز؛ كەينىدىن گۈرۈچ چىلاشقىچىلىك سۇ قۇيۇپ، ئەبجەش مايدىن ئازراق قۇيىمىز؛ ئۈستىگە كېتەرلىك دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇپ بولغاندىن كېيىن، توغرالغان گۆش ، نوقۇت(نوقۇتنى بىر كۈن ئاۋۋال سۇغا چىلاپ قويۇش كىرەك) ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى قوشۇپ ۋە تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئۈچەينىڭ كىچىك بېشىنى يىپ بىلەن بوغۇۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىدا تەييارلىغان گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىيالىنى، ۋارونكىدىن پايدىلىنىپ ئۈچەينىڭ چوڭ بېشىدىن ماڭغۇزىمىز؛ ئاخىرىدا ئۈچەي توشقاندىن كېيىن، ئۈچەينىڭ چوڭ بېشىنىمۇ يىپ بىلەن چىگىمىز.

      8. قازاندا سۇ قاينىتىپ، ئۈچەينى سېلىپ قازان ۋىل ۋىل قاينىغاندا ئۈچەينى نەچچە يەردىن تىشىۋىتىپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز.(ئۈچەينى تىشىۋىتىشتىكى سەۋەب، ئۈچەينىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىپ، ئۈچەينىڭ ئېتىلىپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر)

     9. ئۆپكە-قېرىن ۋە ئۈچەي پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، ئۆز خاھىشىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىك ۋە شەكىلدە چىرايلىق توغراپتەخسىگە تىزىپ، توغرالغان پىيازنىڭ ئىسسىق سۇدا مىجىپ چىقارغان سۈيىگە ئازراق تۇز قوشۇپ، ئاشكۆكى بىلەن قوشۇپئۆپكە ھېسىپ ئۈستىگە سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
     ئالاھىدىلىكى: ئۆپكە-ھېسىپ، دىيارىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك تائامى بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، يىيىشلىك ھەم تەملىك بولۇشى بىلەن، قەدىمدىن تارتىپ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. كونىلاردا قوينىڭ قايسى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلسا، ئادەمنىڭ شۇ يىرىگە قۇۋۋەت يەتكۈزىدۇ دېگەن قاراش بار؛ شۇڭا، ئۆپكە-ھېسىپ، ئەر-ئايال ۋە قېرى-ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان قۇۋۋەتلىك ئاممىباپ تائام ھېسابلىنىدۇ.

    ئىلاۋە: مەزكۇر ئۆپكە-ھېسىپنى، قەشقەر ئەنئەنەم ئۆپكە-ھېسىپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرغۇنجان توخسۇن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئەمەلىي تەجىرىبىسىنىڭ مەھسۇلىسۈپىتىدە، شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى فىلىم ئېلىش ئۆيىدە نەخ مەيداندا تەييارلىغان. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىقتىسادى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئاروماتىك زىرائەت ھېسابلى

  • شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى، ئىستېمال قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئېتى قېلىن، يۇمران ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئ

  • پىننە (藿香)

    پىننە (藿香)

    پىننە ئادەتتە تاغ بەدىيانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەرنىڭ بىرى.

  • ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە كۈمۈش رەڭلىك قېرىنقولاق، قار قېرىنقولىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم ئاق، يېرىم سۈزۈك، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.

  • ياپىلاق موگو (平菇)

    ياپىلاق موگو (平菇)

    ياپىلاق موگو، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى يان قۇلاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل موگو بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ئىستېمال قىلى

  • قىشلىق موگو (香菇)

    قىشلىق موگو (香菇)

    قىشلىق موگو، ئېتى قېلىن ھەم يۇمران، تەمى تاتلىق، ئۇزۇقلۇقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئىستېمال قىلىشقا ھەم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  • گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ ئېتى يۇمران، ئۆسۈشى تېز، سىرتقى شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، خام يىيىشكە ماس كېلىدۇ.

  • لەڭپۇڭ ئۇنى(豌豆淀粉)

    لەڭپۇڭ ئۇنى(豌豆淀粉)

    لەڭپۇڭ ئۇنىنىڭ ئىلمى ئاتىلىشى پۇرچاق كىراخمالى بولۇپ، يۇقىرى مولىكولالىق كاربون سۇ بىرىكمىسى ھېسابلىنىدۇ. لەڭپۇڭ ئۇنى تۇرمۇشىمىزدا لەڭپۇڭ ئۇيۇتۇشقا ئىشلىتىدۇ.

  • سودا (苏打粉)

    سودا (苏打粉)

    سودانىڭ خېمىيىلىك ئاتىلىشى ناترىي ھىدرو كاربونات بولۇپ، ئاق رەڭلىك كىرىستالسىمان پاراشوك ھالىتىدە، سېسىق پۇرىقى يوق، تەمى ئازراق تۇزلۇق، سۇدا ئاسان ئىرىيدۇ.

  • قىزىل تۇرۇپ (红萝卜)

    قىزىل تۇرۇپ (红萝卜)

    قىزىل تۇرۇپ، كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى تۇرۇپ ئۇرۇقدېشىغا تەۋە بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. قىزىل تۇرۇپنى خام ئىستېمال قىلىشقىم

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号