ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » گۇرۇچ تائاملار
قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : ئېلى ئەركىن ۋاقتى : 2016-09-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
خام ماتېرىيالى : گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئارقا پۇت سوڭىكى(شورپا)،پىياز ئىككى باش،غولپىياز،ئىككى تال،قۇرۇق ئۈزۈم گىرام،ئانار20 گىرام،
002.jpg
001.jpg
004.jpg
005.jpg
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ئۇچ قوشۇق ، شېكەر ئىككى قوشۇق 
_N0A5892.jpg
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن كالا سوڭىكى بىلەن قوي سوڭىكىنى پارچىلاپ 600 گىرام ياغ بىلەن قۇرۇپ ئارقىدىن باش پىياز سېلىپ سوڭەكلەر قارىداپ قۇرۇلغاندا غولپىياز سېلىپ مەزلىك پۇراق چىقىپ رەڭگى قىزغۇچ قارا رەڭگە كەلگەندە ئىككى كىلو ئەتراپىدا شورپا قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن سۆڭەك پىيازلارنى سۇزۋېتىمىز.بوش ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىىپ قارا پولۇ شورپىسى تەييارلىۋالىمىز.
گۈرۇچنى ئۇچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە يۇيۇپ ئىلمان سۇغا  يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قۇيىمىز. لوق گوشنى قەنت شەكلىدە توغرىۋالىمىز،سەۋزىلەرنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،يېرىم باش باش پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،قۇرۇق ئۇزۇمنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.
ئېتىش ئۇسۇلى:قازانغا 250 گىرام ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ سارغايغۇچە قورۇپ كەينىدىن باش پىيازنى سېلىپ قورۇپ كەينىدىن سەۋزىلەرنى سېلىپ سەۋزە يۇمشىغىچە قۇرۇپ تەييارلىۋالغان قارا پولۇ شورپىسىدىن  بەش چۇمۇچ قۇيۇپ 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ 3 قوشۇق تۇز سېلىپ تۇزنى تېتىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى قوشۇق شېكەر سېلىپ  شورپىسىدىن 3 چۇمۇچ بىر قاچىغا ئېلۋېلىپ تەييارلىۋالغان گۈرۇچنى سېلىپ 7 مىنۇت ئەتراپىدا ھوردا دۇملەيمىز.ئاندىن ئېلىۋالغان ئۇچ چۆمۈچ شورپىنى گۈرۈچ ئۇستىدىن تەكشى قۇيۇپ يەنە 5 مىنۇت ئەتراپىدا سۇس ئوتتا دۇملەپ ئۈستىگە قۇرۇق ئۇزۇمنى سېلىپ قاينىتىمىز.ئاندىن كىيىن گۇرۇچنى بىر ئۇرۇپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۋالىمىز .پولۇ پىشقاندىن كىيىن تەخسىلەرگە ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .
c9703bc79f3df8dc3cbda65ccc11728b451028be.jpg
ئەسكەرتىش: يۇقىرى قان بېسىمى كىشىلەر ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى ياكى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • پىننە (藿香)

    پىننە (藿香)

    پىننە ئادەتتە تاغ بەدىيانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەرنىڭ بىرى.

  • شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى، ئىستېمال قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئېتى قېلىن، يۇمران ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئ

  • ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە كۈمۈش رەڭلىك قېرىنقولاق، قار قېرىنقولىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم ئاق، يېرىم سۈزۈك، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.

  • قىشلىق موگو (香菇)

    قىشلىق موگو (香菇)

    قىشلىق موگو، ئېتى قېلىن ھەم يۇمران، تەمى تاتلىق، ئۇزۇقلۇقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئىستېمال قىلىشقا ھەم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  • ياپىلاق موگو (平菇)

    ياپىلاق موگو (平菇)

    ياپىلاق موگو، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى يان قۇلاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل موگو بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ئىستېمال قىلى

  • گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ ئېتى يۇمران، ئۆسۈشى تېز، سىرتقى شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، خام يىيىشكە ماس كېلىدۇ.

  • لەڭپۇڭ ئۇنى(豌豆淀粉)

    لەڭپۇڭ ئۇنى(豌豆淀粉)

    لەڭپۇڭ ئۇنىنىڭ ئىلمى ئاتىلىشى پۇرچاق كىراخمالى بولۇپ، يۇقىرى مولىكولالىق كاربون سۇ بىرىكمىسى ھېسابلىنىدۇ. لەڭپۇڭ ئۇنى تۇرمۇشىمىزدا لەڭپۇڭ ئۇيۇتۇشقا ئىشلىتىدۇ.

  • سودا (苏打粉)

    سودا (苏打粉)

    سودانىڭ خېمىيىلىك ئاتىلىشى ناترىي ھىدرو كاربونات بولۇپ، ئاق رەڭلىك كىرىستالسىمان پاراشوك ھالىتىدە، سېسىق پۇرىقى يوق، تەمى ئازراق تۇزلۇق، سۇدا ئاسان ئىرىيدۇ.

  • قىزىل تۇرۇپ (红萝卜)

    قىزىل تۇرۇپ (红萝卜)

    قىزىل تۇرۇپ، كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى تۇرۇپ ئۇرۇقدېشىغا تەۋە بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. قىزىل تۇرۇپنى خام ئىستېمال قىلىشقىم

  • كۆپتۈرۈش پاراشوكى (泡打粉)

    كۆپتۈرۈش پاراشوكى (泡打粉)

    كۆپتۈرۈش پاراشوكى، بىر خىل بىرىكتۈرمە كۆپتۈرگۈچى بولۇپ، سودا پاراشوكىغا كىسلاتالىق ماتېرىياللارنى قوشۇپ ھەمدە قوناق ئۇنىنى تولدۇرغۇچى تەركىب قىلىپ ئىشلەپچىقىرى

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号