ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » گۆش تۇرلىرى
كەپتەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-11-23كۆرۈلىشى : قېتىم

 

كەپتەركەپتەر(14)
 
 
كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈز نەچچە خىلغا يىتىدىغان قۇشلار تۈرىنىڭ ئورتاق قوللىنىشى. كەپتەر ۋە ئىنسانلار ھەمراھلىقى مىڭ نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە.

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كەپتەر
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى
ئۇرۇقداشلىرى كەپتەر ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 鸽子
تەۋەلىكى ھايۋانات دۇنياسى
تۈرى كەپتەرسىمانلار ئەترىتى

1سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۈرەتلەر

  • تۈر1

كەپتەركەپتەر(15)  كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈز نەچچە خىلغا يىتىدىغان قۇشلار تۈرىنىڭ ئورتاق قوللىنىشى. بىز ئادەتتە دەۋاتقان كەپتەر پەقەت كەپتەر ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى بىر خىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كەپتىرى، ئۆي كەپتىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسا، پوچتا كەپتىرى، ئاساسلىقى ئالاقە بىلەن رىقابەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. كەپتەر ۋە ئىنسانلار ھەمراھلىقى  مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر خىل ماھىرلىق بىلەن ئۇچىدىغان قۇش، نازۇك، تۈرى ناھايىتى كۆپ، پەيلىرنىڭ رەڭگى كۆپ خىل، ئاساسلىقى دانلىق   يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. 

كەپتەركەپتەر(15)  ھەممىمىزگە مەلۇم، كەپتەر ئەڭ ئاسان ئېزىپ قالمايدىغان قۇش، مەيلى سىز ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويۇپ بېرىڭ، ھەتتا ئۆيىڭىزدىن نەچچە مىڭ مېتىر جايغا ئاپىرىپ قويۇپ بەرسىڭىزمۇ بوران-يامغۇرغا قارىماي ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. كەپتەرلەر ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپقاندىن باشقا، يەنە قۇياش نۇرى ئارقىلىقمۇ يول تاپالايدۇ. كەپتەرنىڭ بەدىنىدىكى «بىئوسائەت» قۇياشنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ توغرىلىنىپ يۆنىلىشنى تاللىيالايدۇ، ئاسمان بوشلۇقىنى قېلىن قارا بۇلۇت قاپلاپ كەتمىسىلا، كەپتەر قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنالايدۇ. 

كەپتەركەپتەر(15)كەپتەرنىڭ ئاسان ئېزىپ قالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ نىشاننى پەرق ئېتىش جەھەتتە كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. ھاۋا بۇلۇتلىنىپ يامغۇر ياغقان كۈنلىرى كەپتەر قۇياشنىڭ ئورنىنى بىلىشكە ئامالسىز قالغاندا، يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپالايدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. بەزى ئالىملار يېقىندا كەپتەرنىڭ پۇراقتىن پايدىلىنىپ، قايتىپ كېلىش يولىنى تاپالايدىغانلىقىنى بايقىغان.

كەپتەركەپتەر(8) ياۋا كەپتەر، ئۆي كەپتىرى، جىنس كەپتىرى، قار كەپتەر، ياۋرۇپا كەپتەر، چىپار كەپتەر، پاختەك، كەپتەر قۇشقىچى، پوچتا كەپتىرى،

ھەربىي كەپتەر، مۇسابىقە كەپتەر، ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك كەپتەر، ئۇزۇن مۇساپىلىق كەپتەر، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇساپىلىك كەپتەر، توخۇ تىپىدىكى كەپتەر، مەيدان كەپتىرى قاتارلىقلار.     

كەپتەركەپتەر(9)كەپتەرنىڭ يول تونۇيالىشىدىكى سىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مونەكتە. بۇ مونەكتە خاسىيەتلىك بىر «تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى» بار. ئۇ يەر شارنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرەلەيدۇ، بۇ «قۇرۇلما» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار كەپتەرنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇشىغا كاشىلا قىلماقچى بولۇپ، بەش كەپتەرنىڭ قانىتىغا كىچىككىنە ماگنىت ئورنىتىپ قويغان، نەتىجىدە بۇ بەش كەپتەرنىڭ پەقەت بىرىلا ماكانىغا قايتىپ كېلەلىگەن.[0]

 

 

 

 

 

 

 

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号