ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇرمۇش يىتەكچىسى » گۆش تۇرلىرى
يېشىل قۇيرۇق راك
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-11-23كۆرۈلىشى : قېتىم

 

يېشىل قۇيرۇق راك

يېشىل قۇيرۇق راك
 
 

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يېشىل قۇيرۇق راك
خەنزۇچە ئىسمى 青虾
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى ئون ئاياغلىقلار تۈركىمى
ئېنگىلىزچە ئىسمى squilla
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قاسراقلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى ئۇزۇن پۇتلۇق راك ئائىلىسى
 

يېشىل قۇيرۇق راكيېشىل قۇيرۇق راك ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تاتلىق سۇ راكلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز، جۇغى چوڭ، كۆپىيىشى تېز، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئېلىمىزدىكى تاتلىق سۇ دەريا-كۆللىرىگە كەڭ تارقالغان. يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك، ئوزۇقلۇقى مول، ھەر 100 گرام يېگىلى بولىدىغان قىسمىدىكى ئاقسىل 40.16 گرام بولۇپ، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنىڭ مېڭىنى بەلگىلىك قۇۋۋەتلەش رولى بار، دەپ قارايدۇ.

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق، چۆچۈپ كەتكەندە ياكى رەقىبلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا قورساق قىسمىنى جىددىي تارايتىپ، قۇيرۇقى بىلەن سۇنى پالاقشىتىپ كەينىگە چېكىنىدۇ، ئاندىن بەدىنىنى توساتتىنلا تۈزلەپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، 5-، 6-ئايلاردا تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ئادەتتە 40 كۈن ئىچىدىلا 3 سانتېمېتىر ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ، 11-ئايدا ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 3 −5 گرامغا يېتىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك ئۆمرىدە 13 −15 قېتىم قاسىراق تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ، ئۆمرى ئادەتتە 14 −18 ئاي غىچە بولىدۇ.

يېشىل قۇيرۇق راكيېشىل قۇيرۇق راك(2)يېشىل قۇيرۇق راكنى سۈنئىي بېقىشتا ھازىر تور ساندۇقتا بېقىش، كۆلچەكتە بېقىش ۋە بېلىق بىلەن راكنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشتەك بىرقانچە خىل ئۇسۇل بار. تور ساندۇقتا باققاندىكى مەھسۇلات مىقتارى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭدىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك سۇ تېگىدە ياشايدىغان قاسىراقلىق جانلىق، ئۇنى بېلىق بىلەن بىر كۆلدە باققاندا، سۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.[0]

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەتكۈچلەر:

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号