ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » تەم - خۇرۇچلار
ئارپا بەدىيان
مەنبەسى : ئۇيغۇر تىبابەتيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-11-25كۆرۈلىشى : قېتىم

دورا نامى

ئارپا بەدىيان

药名 تونۇش نامى ئارپا بەدىيان 释名 ئەرەبچە نامى

رازىيانەج 

阿拉伯语名称 پارسچە نامى

بادىيان–راتيانە

波斯语名称 خەلقئارا ترانسىپىكسىيىسى

سۇنەف

国际读法 لاتىنچە نامى

Fructus foeniculi

拉丁语名称 ئېنگىلىزچە نامى Fennel. Fenmel Fruit 英文名称 خەنزۇچە نامى 小茴香xiao hui xiang 中文名称 تونۇش ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان مېۋىسى 识别 چىقىش ئورنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا ھىندىستان، ئېران، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ

产地 شەكلى

ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان، سەل ياپىلاق شەكىلدە، رەڭگى سارغۇچ يېشىل رەڭدە، . خۇشپۇراق. 5–6 گىچە ئۇزۇنىسىغا كەتكەن سىزىقچىلىرى بولىدۇ.

形态 تەمى تەمى بىر ئاز ئاچچىق، تىلنى قورۇيدۇ 性味 تەبىئىتى

 ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

性味 خۇسۇسيىتى  يەل تارقىتىش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتنى يۇشۇرۇش، توسالغۇلارنـى ئېچىـش، غەيـرى تەبـىئىـي بەلغەم خىـلىتنـى، ھۆل سوغۇق كـەيپىياتـنـى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئاغرىش توختىتىش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ، ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرى بار. 属性 ۋاقتى 7–8 ئايلار 时间 خاس تەسىرى غەيرى تەبىئى بەلغەم  خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورا 主治 ئەكىس تەسىرى ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ بېشىنىي ئاغرىتىدۇ. 毒作用 فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

 ئارپا بەدىيان يېغى يەل ھەيدىگۈچى تەسىرىنى بېرىدۇ. ئاغرىق قالدۇرىدۇ. ئاشقازاننى بوشاشتۇرۇپ غىدىقلاش پەيدا قىلىپ ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش خىزمىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا – ئاستا بوشاشتۇرۇپ ئاغرىققا ئارام بېرىدۇ. ئارپا بەدىيان يىغىنىڭ باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار. ئانېتول باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇشى مۇمكىن. فېفون كافورغا ئوخشاش ئالاھىدە جىسىمدىن تۈزۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كامىخوراغا ئوخشاش يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاش تەسىرى بار. يەنە ئارپا بەدىيان يېغى مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلاپ سىلىقلاشتۇرۇش، يەڭگىل دەرىجىدە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش تەسىرى بار.

药理学作用 ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. ئارپا بەدىيان12 گرام، ئەفسەنتىن6 گرام، سۇمبۇل3 گرام، كىرەفشە ئۇرۇقى6 گرام، قارا زىرە5 گرام دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە يەل تارقىتىدۇ. قورساق كۆپۈشنى يوقىتىدۇ.

2. بەدىيان10 گرام، ئىزفىر20 گرام ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىگە 100 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچسە پالەچ، لەقۋا، ئىستراخاغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. بەدىيان، ئوغرى تىكەن، بادام مېغىزى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىپوپ قىلىپ بەرسە سۈت كۆپەيتىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

4. بەدىيان، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قورۇپ مۇۋاپىق مىقدار ئېلىپ تەرەغىبىن بىلەن تەمىنى چىقىرىپ، ئىچسە بالىلاردىكى كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، تاماق يېمەسلىككە پايدا قىلىدۇ.

5. بەدىياننىڭ تەمىنى چىقىرىپ 3 گرام بادام يېغى قوشۇپ ئىچسە قولۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. بەدىياندىن سىركەنجىبىن تەييارلاپ بەرسە تال، جىگەرنىڭ توسالغۇسىنى ئاچىدۇ

用法 مىقدارى 3 – 6 گرامغىچە. 用量 تۈزەتكۈچىسى

بىنەپشە، ھۆل يۇمغاقسۈن

校正药 ئورۇنباسارى رۇم بەدىيان 代用药 مۇرەككىباتى (ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى)  ئەرقى بەدىيان، ئىتىرفىل بەدىيان، جاۋارش كۇمۇنى. سىپوپى بەدىيان. 名方 ئائىلىسى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق  科属 يىغىش 7–8 ئايلاردا يىغىۋېلىۋىلىنىدۇ 采收 ساقلاش قۇرۇتۇپ ساقلايمىز   كېسەللىك مىسالى

 ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق، ئېسىلىش، دەم سىقىلىش، تال، جىگەر توسۇلۇش، بوغۇم ئاغرىقى، سۈت كېمىيىپ كېتىش، كونا ئىچى سۈرۈش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى ئېغىز پـۇراش، كـۆڭلـى ئېلىشىش، كـۆرۈش قـۇۋۋىـتـى ئاجىزلاش، يۆتـەل، يـانپـاش ۋە بـەل ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.

  دورىلىق ئورنى ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان مېۋىسى   ئۈنۈملۈك تەركىبى

مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى %60–50 گىچە ئانتول (Anitole)، %30–20 گىچە فېنخون (Fenehone)، كامفىن (Comphene)، ئاتىسدوم ئانىزىكوم (Anisic acid)، دېپتىن (dipeten) ئارپا بەدىيان ئالدىھسىـدى (Ahisi acid) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئارپا بەدىيان مېيى، ئاقسىل، ۋىتامىنغا ئوخشاش ماددىلار، كىراخمال، شېكەر، ئشىلىمشىق ماددىلار بار.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号