ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » كۆكتاتلار
سەۋزە 胡萝卜
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2017-10-26كۆرۈلىشى : قېتىم
91Q58PICk5t_1024.jpg
سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ» قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس-بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.
ئۇيغۇرچە ئىسمى سەۋزە(ئەسلى پارىسچە سۆز)
خەنزۇچە ئىسمى 胡萝卜
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى سەۋزە ئۇرۇقدىشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى carrot
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
باشقىچە ئاتىلىشى زەدەك
  •      سەۋزە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىنىدىغان قىسمى ئۇنىڭ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزى بولۇپ، ئادەتتە يۇمىلاق كونۇس شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولىدۇ. رەڭگى قىزىل، سېرىق، ئاق رەڭلەردە بولۇپ، قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. 

بېقىش ئۇسۇلى

سەۋزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا بولغان شەرت ۋە تەلەپلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇش، تۇپراق بەك قۇرغاق ياكى بەك نەم بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى سەۋزىدىكى كاروتىن مىقدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

ئىشلىتىلىش قىممىتى

ئوزۇقلۇق قىممىتى

100گىرام سەۋزە تەركىبىدە ئاقسىل 0.6گىرام،ياغ0.3گىرام،قەنىت تۈرىدىكىلەر7.6-8.3گىرام،تۆمۈر0.6مىللى گىرام،ۋىتامىن A1.35-17.25  ئۇنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن ھەمدە زور مىقداردا قەنت، كراخمال، ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. كاروتىن ھەزىم قىلىنىپ پارچىلانغاندىن كېيىن ھەسسىلەپ ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، بەدەننىڭ يېتىلىشى، سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى، مايلارنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانالىز قىلىنىشىچە، سەۋزىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.

تارقالغان رايۇنلار

 سەۋزىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئۇ 13-ئەسىرلەردە كىچىك ئاسىيادىن ئېلىمىزگە كىرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلار «خۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، شۇنداقلا شەكلىمۇ تۇرۇپ(لوبو) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار» خۇلوبو «دەپ ئاتىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号