ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » كۆكتاتلار
قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2016-11-16كۆرۈلىشى : قېتىم

 

 قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش يېشى بارغانچە كىچىكلەپ بارماقتا. ئۇنداقتا نېمىشقا باھار بايرىمىدا بۇ خىل كېسەللىك كۆپىيىپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭدا ئىككى خىل سەۋەب بار: بىرى: قان قويۇق بولۇش، يەنى قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش. قېنى قويۇق كىشىلەر باھار بايرىمىدا مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەنلىكى ئۈچۈن بۇ خىل كېسەللىك ياش تاللىماي چاپلىشىۋېرىدۇ. 


يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى گەرچە داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بەزى دوختۇرلار سىزگە ئاسپىرىن ئىچىشنى بۇيرۇيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئاسپىرىن ئىچكەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. لېكىن ئاسپىرىن ئىچىشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە؟ ئاسپىرىن ئىچىشنىڭ ئاقىۋىتى كۆز تېگىدىن قان چىقىش. شۇڭا ھازىر نۇرغۇنلىغان ياۋروپالىقلار ئاسپىرىن ئىچمەيدىكەن. ئۇنداقتا قان قويۇقلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نېمە يېيىش كېرەك؟ قارا مور يېسىڭىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەن. 

قارا مورنىڭ مۇنداق ئىككى خىل رولى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل رولى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. قارا مورنىڭ رولىنى ئامېرىكىلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى بايقاپ چىققان. ئۇ مۇشۇنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ قارا مورنىڭ بۇ رولىنى بايقىغاندىن كېيىن ياۋروپادىكى ناھايىتى پۇلدار كىشىلەرمۇ مور يېيىشكە باشلىغان، ئاسپىرىن يېمەيدىغان بولغان. 

ئۇنداقتا قانداق كىشىلەردە قان قويۇقلۇق ئالامەتلىرى بار؟

جاۋابى بولسا پاكار، سېمىز ئادەملەر، بولۇپمۇ كېلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىكەن. يەنە كېلىپ قان تىپى AB بولغانلار ئاسانلا قان قويۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. يەنە بوينى قانچە قىسقا بولغانسېرى شۇنچە خەتەرلىك ئىكەن. 

ئۇنداقتا قان قويۇقلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ يەنى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قالايمىقان يېمەسلىك كېرەك، چاينى كۆپ ئىچىپ بېرىش، ئامال بار ئاچچىقلانماسلىق كېرەك. ئاچچىقلانسىلا قان قويۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئاق ھاراق ئىچسىمۇ قان قويۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، شۇڭا ھاراق ئىچمەكچى بولغاندا ئامال بار مېۋە ھاراقلىرىنى ئىچىش كېرەك، مىقدارى ھەر قېتىمدا 100 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

قارا مور تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك كوللوئىدلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆپكە تازىلاش رولى بار بولۇپ، بۇلغانغان ھاۋادىن سۈمۈرۋالغان كېرەكسىز ماددىلارنى ناھايىتى ياخشى سۈمۈرىدىكەن. تۇمانلىق كۈنلەردە كەچلىكى مور بىلەن قورۇلغان سەيدىن ئازراق يەۋەتسە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە راكقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ياخشى كۆكتات ئىكەن. قارا مورنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك كوللوئىدلارنىڭ ئادەم تېنىگە كىرگەن ئاسان ھەزىم بولمايدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش ۋە ئوكسىدلاش رولى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەزىم قىلىش يولىدا قېلىپ قالغان قالدۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ سىرتقا چىقىرىپ ماينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش رولى بار ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号