ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » كۆكتاتلار
پىياز
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2016-11-15كۆرۈلىشى : قېتىم

  • پىياز
  • 葱白
  • باش پىياز، ئاق پىياز.بەسەل
  • پىياز
  • پىياج
  • ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق

 

چۈشەندۈرۈشى 

پىياز پىياز بولسا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى ، ئۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، پىيازغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بۇلۇپ  بۇ ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

 

خۇسۇسيىتى

ئاشقازان، ئۈچەي، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش؛ ئىششىق تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.

خاس تەسىرى

ئاشقازان-ئۈچەينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

 

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، مېڭە ۋە بەدەندە يەل پەيدا قىلىدۇ.

 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

پىياز1. ئاۋۋال سۈرگە دورىسىنى بىرىپ ئىچىنى تازىلاپ پىياز سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا كۆز ياشاڭغۇراش، كۆزگە سۇ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2 . پىياز سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئېغىرلىقى، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. پىيازنى قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشكە پايدا قىلىدۇ،خام يېسە ھەيز ۋە سۈيدۈكنى ھەيدەپ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ قان مېيىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ..

4. پىيازنىڭ سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەر خىل ئىششىق، بەھەق ۋە بەرەسكە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.

5. پىياز سۈيىدىن كۈندە ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسە، يۈرەك كېسەللىرىگە پايدا قىل

6. پىيازنى ئوتقا كۆمۈپ ئىلمان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا ئىششىق قايتۇرىدۇ.

 

دورىلىق ئورنى

تۇگۇنەك يىلتىز

مىقدارى

سۈيىدىن 30 ~ 20 مىللىلېتىر

 

ساقلاش

 ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

 

تۈزەتكۈچىسى

سىركە، تۇز، ھەسەل، ئانار سۈيى

ئورۇنباسارى

قوروسى پىياز، شەربىتى مۇقەۋۋى باھ.

 

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

 قوروسى پىياز، شەربىتى مۇقەۋۋى باھ.

 

كېسەللىك مىسالى

باھ ئاجىزلىقى، ھۇشسىزلىق، يۈرەك كېسىلى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز كەلمەسلىك، كالتە يۆتەل، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

 

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. 

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号