ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
توخۇ شورپىسى تەييارلاش
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-08-01كۆرۈلىشى : قېتىم

  خام ماتىريالى: يەرلىك توخو1دانە ،ئالقات 8دانە.
 
   تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،ئاقمۇچ ، زەنجىۋىل ،ئالقات
   تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇنى بوغۇزلاپ  ئادالاپ پاكىز يۇيۇپ  ياڭاق چوڭلىقىدا قىلىپ پارچىلايمىز .زەنجىۋىل بەشمەرەك بارماقچىلىك  چوڭ چوڭ قىلىپ  توغرايمىز.  ماتىرىياللار نى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن قازانغا  سۇ قۇيۇپ  توخو گۆشىنى سالىمىز  . ئاندىن  توغراپ قويغان زەنجىۋىل  سېلىپ   نورمال ئوتتا توخو پىشقۇچە  قاينىتىمىز. (يۇقىرى بېسېملىق قازاندا پۇشۇرساق 20 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە پىشۇرساق  بۇلىدۇ  ) توخو پىشقاندا  تۇز ئاقمۇچ  سېلىپ  تەمىنى ياخشى تېتىپ  . قاچىغا ئۇسۇپ  .ئاندىن  ئازراق غولپىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئالقاتنى  سېلىپ ئېستىمال قىلساق بولىدۇ .  
 
ئالاھىدىلىكى :توخو  گوشى تەبىئىتى موتىدىل  ،شورپا قىلىپ ئىچكەن دە ئوزۇقلۇق قىمىتى يوقىرى  بۇلۇپ بەدەنگە  ياخشى قۇۋۋەت بۇلىدۇ.توخۇ شورپىسى زۇكامنى داۋالايدۇ ،ئوپكىنى تازلايدۇ  .

توخو شورپىسى ئىچسە بولمايدىغان كىشىلەر 
قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىلار : بۇنداق كىشىلەر توخۇ شورپىسى كۆپ ئىچسە ، قاندىكى ياغ تەركىبى تېخىمۇ ئېشىپ ، قان تومۇر پەردىسىدە نوكچا ھاسىل قىلىپ ، قان قېتىشىشنى پەيدا قىلىدۇ .
  قان بېسىمى يۇقىرىلار : توخۇ شورپىسىنى داۋاملىق كۆپ ئىچكەندە ئارتېرىيە قېتىشىشتىن باشقا ، يەنە قان بېسىمىنى داۋاملىق ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
  بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار : توخۇ شورپىسى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، يۇقىرى ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
  ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر : توخۇ شورپىسى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاشقازان يارىسى ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى پات – پات ئاشقازىنى قاناش تارىخى بارلار توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك .

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号