ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
قۇم قازان شورپىسى تەييارلاش 砂锅
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2018-01-20كۆرۈلىشى : قېتىم
  خام ماتېريالى: :ۋەنزە، موگۇ، پىنتوزا، مايلىق يىسۋېلىك ، دوفۇ، خەيدەي، دوفۇپى، غولپىياز،قىزىلمۇچ چانالمىسى
001.gif
تەم خۇرۇچلىرى : شورپا، تۇز، قىزىلمۇچ چانالمىسى،  ۋېجىڭ ، جىجىڭ ، خاجو، ئاقمۇچ، شاڭيۇ . 

قۇشۇمچە: قارا قېرىن قۇلاق ، يېسۋېلىك، يىڭنىسىمان گۇمبىمەدەك
تەييارلاش ئۇسۇلى:كالا گوشىنى توغراپ غولپىياز،زەنجىۋىل توغراپ ئاندىن يۇمشاق چاناپ خېمىر ھالەتكە كەلتۇرۇپ ،تۇز ، ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ،كىراخمال ،تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۇپ  خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ تەييارلىۋالىمىز.ماش ئوگرىسىنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.قارا قېرىن قۇلاق(مور) ،پالەك ،(مايلىق يىسۋېلىك)لەرنى چوڭراق پارچىلاپ  تەييارلىۋالىمىز. دوفۇ، خەيدەي، دوفۇپى  لارنىمۇ رەسىمدە كورسىتىلەەندەك توغراپ تەييارلىۋالساق بۇلىدۇ. تەييار بولغان گوشنى ئۇرۇك چوڭلىقىدا كومىلاچ قىلىپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ نۇرمال قىزىغاندا تەييار بولغان كومىلاچلارنى سېلىپ بوش ئوتتا  قىزارتىپ مايدىن ئوتكۇزۇپ  پىشۇرۋالىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ قوينىڭ سوڭەكلىرىنى پارچىلاپ قاينىىتىپ شورپا  تەييارلىۋالىمىز.قاينىغاندا ۋەنزە، موگۇ، پىنتوزا، مايلىق يىسۋېلىك ، دوفۇ، خەيدەي، دوفۇپى، غولپىياز،قىزىلمۇچ چانالمىسى سېلىپ
微信图片_20180121001903.jpg
ئارلاشتۇرۇپ، تۇز ،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ  تەمىنى تېتىپ ئازراق كۈنجۇت يېغى تېمىتىپ قاچىغا ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
003.jpg
ئەسكەرتىش: ئاشخانىلاردا  تەييارلانغان ماتىرياللارنى قۇم قازانغا سېلىپ  قۇم قازاندا پىشۇرۇلۇپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغان  قاينىتىلۋاتقان ھالەتتە ئېلىپ چىقىلىدۇ .ئائىلىلەردە يۇقارقى كورسىتىلەن ئۇسۇلدا ماتىرياللارنى قازانغا سېلىپ  پۇشۇرۇپ قاچىغا ئېلىپ ئىستىمال قىلساقمۇ بۇلىدۇ.ھەم ئوزىڭىز ياقتۇرغان كۆكتاتلار بىلەن تەييارلىسىڭىزمۇ تامامەن بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: موگۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايتى مول بۇلۇپ ،ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ،ئادەم تىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن  ماددىلارنى تۇلۇقلايدۇ. ئوزگىچە تەمى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلگەن 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号