ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك سوغوق سەيلەر

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
چىلانغان چۈرۈك سەۋزە تۇرۇپ چىلانمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2017-04-03كۆرۈلىشى : قېتىم

ئاساسلىق كېرەكلىك ماتىرياللار : ئاق تۇرۇپ 1 كىلو ، تۇز 50 گىرام ، سامساق 5 تال ، ئاق ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر ، لىمون شىرنىسى مۇۋاپىق مىقداردا ، سەۋزە 500 گىرام ، جاڭپىزا 2 پارچە ، ئاق شېكەر 300 گىرام ، ئىلمان سۇ 350 گىرام . 

تەييارلاش قەدەم باسقۇچى : 1 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ پوستىنى پاكىزە ئېلىۋېتىمىز . 

2 . پوستى ئېلىۋېتىلگەن ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى پاكىز يۇيىمىز . 

3 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا ، قەلەمچە قىلىپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز . 

4 . توغراپ تەييارلىۋالغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ ئۈستىگە 50 گىرام تۇزنى سالىمىز . 

5 . پاكىز قولىمىز بىلەن ئارلاشتۇرىمىز . 

6 . ئارلاشتۇرۇپ بولغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى 1 – 2 سائەت تۇرغۇزىمىز ، چۈنكى تەركىبىدىكى ئارتۇقچە سۇلار چىقىپ كىتىدۇ . 

7 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى 1-2 سائەت تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ، باشقا بىر قاچىغا سۈزۈپ ئالىمىز . ( يىغىلغان سۇنى تۆكىۋەتمەيمىز ) . 

8 . سامساق بىلەن جاڭپىزىنىڭ پوستىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ ، توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .

9 . تەييارلىۋالغان شېكەرنىڭ ئۈستىگە ، بىز تەييارلىۋالغان 500 مىللىلىتىر ئاق ئاچچىقسۇنى قۇيىمىز . 

001.jpg

10 . تەييار بولغان سۇغا بىز تەييارلىۋالغان ئىلمان سۇنى قۇيىمىز . 

11 . توغراپ تەييارلىۋالغان سامساق بىلەن جاڭپىزىنى سۇغا سالىمىز . 

12 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ چىققان سۈيىنى تەييار بولغان سۇغا تۆكىمىز . 

13 . تەييار بولغان سۇغا لىمون سىرنىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا تۆكىمىز . 

14 . تەييار بولغان سۇلارنى ، بىز ئەڭ باشتا توغراپ تەييارلىۋالغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز . 

15 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزە نورمال چىلاشقىدەك بولسا بولدى . 

16 . تەييار بولغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى ئاغزى ھىم ئىتىلىدىغان چوڭ ئەينەك قاچىغا سۈزۈپ ئېلىپ سالىمىز . 

17 . ئەينەك قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئىتىپ ، سالقىن جايدا 5 كۈندىن -7 كۈنگىچە قۇيىمىز . ئارلىقتىكى كۈنلەردە 2 قېتىم قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ، سەيلەرنى ئېلەشتۈرۈپ تۇرىمىز . 

18 .  مانا بىزنىڭ شېكەر سۈيىگە چىلانغان چۈرۈك سەۋزە تۇرۇپ چىلانمىمىز تەييار بولدى .

002.jpg

003.jpg

ئەسكەرتىش : ئەگەر ئاچچىقراق تەمدىكىسىنى ياخشى كۆرسىڭىز ، لازا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىسىڭىزمۇ ناھايىتى يىيىشلىك بولىدۇ . 

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号