ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : ئارزىگۈل ۋاقتى : 2017-04-27كۆرۈلىشى : قېتىم
 


تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
ئىستىمال قىلىش يېشى :  10 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : گۈرۈچ 100 گىرام ، چىلان 80 گىرام ، تاتلىق ياڭيۇ 100 گىرام ، سىيادان ئاز مىقداردا .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : دۈملەش قازىنى . 1 تال قاچا  . قىيما قىلىش ئەسۋابى . ئازىراق ماي .

 

 تەييارلاش باسقۇچى :
1 . گۈرۈچ 100 گىرام ، چىلان 80 گىرام ، تاتلىق ياڭيۇ 100 گىرام ، سىيادان ئاز مىقداردا تەييار قىلىۋالىمىز .


2 . گۈرۈچنى دۈملەپ پىشۇرىۋالىمىز .


3 . تاتلىق ياڭيۇنى پاكىز يۇيۇپ ، كىسىپ تەييار قىلىۋالىمىز .


4 . چىلاننىمۇ پاكىز يۇيۇپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز .


5 . چىلان بىلەن تاتلىق ياڭيۇنى دۈملەش قازىنىغا سېلىپ دۈملەيمىز .


6 . تاتلىق ياڭيۇ پىشقاندىن كىيىن شۈپىكىنى ئېلىۋېتىپ ، قىيام قىلىش ئەسۋاپىدا ئىزىپ قىيام قىلىمىز .


7 . چىلاننىمۇ ئېزىپ قىيام قىلىمىز .


8 . تەييارلىۋالغان قاچىنى مايلايمىز .


9 . ئاۋال دۈملەپ پىشۇرىۋالغان گۈرۈچنى سالىمىز .


10 . ئارقىدىن تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇنى سالىمىز .


11 . ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلىۋالغان چىلاننى سالىمىز .


12 . ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قېرتىم گۈرۈچنى سالىمىز .


13 . مانا ئوماق قوزىمىزنىڭ قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى تەييار بولدى .

 

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号