ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
نەشپۈت ئارلاشتۇرۇلغان چىلان قاينىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2017-03-22كۆرۈلىشى : قېتىم

 ئىستىمال قىلىش يېشى : 6 ئايلىقتىن يۇقىرى ھەرقانداق بالىلارغا ماس كېلىدۇ .

كېرەكلىك ماتىرياللار : چىلان 3تالدىن 5تالغىچە . نەشپۈت 1تال ، گۈرۈچ ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا .

كېرەكلىك ئەسۋاپلار : نەزىفە داتلاشماس قازىنى ، ئىستاكان1 تال .

تەييارلاش باسقۇچى :

1.  چىلان 3تالدىن 5 تالغىچە . نەشپۈت 1تال ، گۈرۈچ ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا تەييار قىلىۋالىمىز .

 003.jpg

2 . چىلاننى پاكىزە يۇيۇپ ، قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ چىلاننى قاينىتىمىز .

3 . قاينىتىپ بولغان چىلاننىڭ پوستىنى سويىۋېتىمىز .

4 . نەشپۈتنى پاكىزە ئاقلاپ ، توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .

 5 . چىلان بىلەن نەشپۈتنى تەييارلىۋالغان ئىستاكانغا سېلىپ ئارلاشتۇرىمىز .

6 . قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ،تەييارلىۋالغان چىلان بىلەن نەشپۈت ئارلاشمىسىنى سالىمىز ،

7 . ئوتنى ئۆچۈرۈپ بۇلۇپ ، سەل سوۋىغاندىن كىيىن گۈرۈچ ئۇنىنى قۇشۇپ ئارلاشتۇرىمىز .

8-مانا تەييار بولدى ئەمدى ئوماق بوۋىقىڭىز ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ .

9چىلاننىڭ شىپالىق رولى : ماددىلارنى سۈرۈپ چىقىرىش، بەدەننىقۇۋۋەتلەش، كۆكرەكنى تازىلاش، قويۇق خىلىتلارنى تارقىتىش، قاننى تازىلاش، قىزىتما ياندۇرۇش،يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، قاننىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىشخۇسۇسىيىتىگە ئىگە. چىلاننىڭئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بۇلۇپ ، مول ئاقسىل ھەم مول ۋىتامىن بار بۇلۇپ ،بۇلۇپمۇ كىچىك بالىلانىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بەك ماس كىلىدۇ .

001.jpg

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号