ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار » قوي گۇشى قورىمىلار
يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : ئەخمەتجان ۋاقتى : 2017-03-18كۆرۈلىشى : قېتىم

خام ماتېرىيالى :قوي قۇۋۇرغىسى، بەرەنگە، كىراخمال،تورت ئۇنى،تۇخۇم ئىككى دانە، سامساق، زەنجىۋىل ،غولپىياز.

001.jpg

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز.تۇخو تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ،ئاق شېكەر، 13خىل تەم جەۋھىرى، سەپمە تېتىتقۇ،قارمۇچ،كاۋاۋىچىن، ياغمۇچ،قىزىلمۇچ چانالمىسى، بېلىق تەم جەۋھىرى،

002.jpg

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز.ئاندىن قۇۋۇرغىنى بىر قاچىغا ئېلىپ تۇخۇم چېقىپ ئاندىن تۇز.تۇخو تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ ، 13خىل تەم جەۋھىرى، سەپمە تېتىتقۇ ،كاۋاۋىچىن ئۇنى،تورت ئۇنى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۋالىمىز.

003.jpg

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا قوۋۇرغا چىلاشقۇدەك ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا قوي قۇۋۇرغىسىنى بىر بىرلەپ سېلىپ سارغىيىپ چۇرۇڭ ھالەتكە كەلگەندە ياغدىن سۇزۋالىمىز.قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا سامساق، زەنجىۋىل ،غولپىياز سېلىپ مەززىلىك پۇراق چىققاندا قىزىلمۇچ چانالمىسى،بېلىق تەم جەۋھىرى،قىزىلمۇچ يېغى،سېلىپ قورۇۋالىمىز.

004.jpg

ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تۇز.تۇخو تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ،ئاق شېكەر، 13خىل تەم جەۋھىرى، سەپمە تېتىتقۇ،قارمۇچ،كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ قوۋۇرغا بەرەنگىنى سېلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۋالىمىز.ئاندىن چىرايلىق بېزەلگەن تەخسىگە ئاۋۋال بەرەنگىنى ئېلىپ ئاندىن قۇۋۇرغىنى چىرايلىق رەتلىك تىزىپ ئۇستگە دۇملىمە قىيامى قۇيۇپ ئەزىز مېھمىنىمىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساق بولىدۇ 

008.jpg

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号