ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » ئۇن تائاملىرى
كۆك سەي لەغمەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەرجان ئەخمەت ۋاقتى : 2018-05-25كۆرۈلىشى : قېتىم

  خام ماتېريالى : قوي گۆشى.مايلىق يېسسىۋېلەك،  پىياز، پەمىدۇر، سامساق

微信图片_20180521202341.jpg

  تەم خۇرۇچلار:  تۇز،  تېتىتقۇ،  ئاچچىقسۇ
  تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۇنغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ ،بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز.
قوي گۆشنى نېپىز توغراپ  پىيازنى نېپىز توغراپ مايلىق يېسىۋېلەكنى 4—5سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ پەمىدۇرنى نۇرمال ئۇششاق تۇغرايمىز. سامساقنى ئۇششاق چاناپ تەييار قىلىمىز.
微信图片_20180521202329.jpg
  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئاز مىقداردا ماي قۇيۇپ ماي  نورمال قىزىغاندا نېپىز  توغرالغان قوي گۆشى سالىمىز. قوي گۆشىنى بىرئاز قورىغاندىن كېيىن پىياز، سامساق سالمىز .بىرئاز قورۇلغاندىن كېيىن تۇز سالىمىز.ئاندىن قورۇپ پەمىدۇر سالىمىز ، پەمىدۇر  سېلىپ بولغاندىن كىيىن  مايلىق يېسىۋېلەكنى سېلىپ   ئىككى ئۈچ ئۆرۈپ  ئاز مىقداردا سۇ قويۇپ ، ئارقىدىن ئاچچىقسۇدىن ئازراق تېتىتقۇدىن ئازراق قويۇپ ئاچچىقسۇ بىلەن سامساقنىڭ تەمىنى كۈچلۈكرەك ئېلىپ تۇز تەمىنى تەڭشىۋالىمىز.
  پىلتىنى پىشۇرۇش: قازانغا چۆپ لەيلەپ پىشقۇدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ  تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا  بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزىۋېتىپ ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.
ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ  ئاندىن يا ئىسىتىپ ياكى شۇپېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنى سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
003.jpg

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号