ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » ئۇن تائاملىرى
شورپىلىق تۈگۈرە (汤饺子) تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2017-10-23كۆرۈلىشى : قېتىم

    خام ماتىريالى: ئاق ئۇن، سىمىز قوي گۆشى، باش پىياز،ماش ئۇيتما،گۈمبىمەدەك،نۇقۇت، قېرىنقۇلاق، بۆدۇنە تۇخۇمى،لىغىلداق

IMG_20171019_161204.jpg

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ چانالمىسى، سامساق چانالمىسى 
   تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تىندۇرۇپ قۇيىمىز. 
ئاندىن قۇرۇق ئۇن سېپىپ  بىر تەرەپتىن پوزا بىلەن جىلىت ئېچىلىدۇ. 
گۆشنى ئۇششاق توغراپ  ئۇششاق چانالغان باش پىياز، تۇز، سوققان قارىمۇچ، سۇ يېغى بىلەن  ئىلمان سۇ قۇيۇپ  ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.  ئېچىلغان جىلتىغا مۇۋاپىق قىيما سېلىپ تۈگۈپ تەييارلىۋالىمىز. 
BANXIR.jpg
   پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ سۇ قاينىغاندا تۈگرىنى سېلىپ تۇز،قىزىلمۇچ چانالمىسى سېلىپ  پەس ئوتتا6-5مىنۇت پىشۇرۇپ،ئاندىن ماش ئۇيتما،گۈمبىمەدەك،نۇقۇت، قېرىنقۇلاق، بۆدۇنە تۇخۇمى،لىغىلداقلارنى سالىمىز. جۇۋاۋا پىشقاندا تۇز، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ، سامساق چانالمىسى سېلىپ تەمىنى تېتىپ قاچىغا ئۇسۇلۇپ  داستىخانىغا كەلتۈرۇلىدۇ. 
IMG_20171019_162417.jpg
   ئەسكەرتىش:  قازان ۋاراقلاپ قايناپ كەتسە، پات-پات سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بولمىسا جۇۋاۋا ئېزىلىپ كىتىدۇ،
ئائىلىلەردە كۆپىنچەگۆش، پىيازبىلەنلا ئېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوزىڭىز ياقتۇرغان كۆكتاتلار بىلەن بىلەن تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ 
[ئالاھىدىلىكىجىلىتى نېپىز، قىيمىسى يۇمشاق ھەم شورپىلىق، مەززىلىك. 
 بۇتائام2017-يىلى10-ئاينىڭ22-كۇنى سەھرا تائاملىرىدا تەييارلىنىپ كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يوللانىدى. تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号