ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » ئۇن تائاملىرى
غۇنچە لەڭمەن تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2017-09-26كۆرۈلىشى : قېتىم

  خام ماتىريالى:ئۇن ، گۆش ،سۇ يېغى،يېسۋېلىك، كۆك-قىزىلمۇچ، سامساق،غولپىياز، پەمىدۇر، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ (پەمىدۇر قىيامى)
  تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاچچىقسۇ

  تەييارلاش ئۇسۇلى:دەرىسلىكتە ئېيتقىنىمىزدەك،پەسىلگە قاراپ ئۇنغاتۇز ۋەسۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ،15مىنۇت تىندۇرغاندىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا،ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز. گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوناق چوڭلىقىدا دان-دان  قىلىپ بىر خىل شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
  قوررۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ گوشنى سېلىپ ئاندىن غولپىياز يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سېلىپ قورۇپ ئازراق تۇز سالىمىز.ئاندىن پېسۋېلەك(چۇكا پۇرچاق،سامساق غولى،بەرەنگە،پېدىگەن)سېلىپ قورۇپ ئاندىن كۆك-قىزىلمۇچ،پەمىدۇر سېلىپ قورۇپ ئازراق كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ،تۇز،تەمىنى تېتىپ ،ئاچچقسۇ سامساق سېلىپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.
  پىلتىنى پىشۇرۇش:قازانغا چوپ لايلەپ بىشقىدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ .تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ،ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزىۋېتىپ،ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنى سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلۇپ كۆكتات ئىلغايدىغانلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ . بۇ تاماق غۇلجا خەلقى دائىملىق ئىستىمال قىلدىغان لەڭمەنلەرنىڭ بىر تۇرى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号