ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىشتا قول-پۇتى ئىسسىمايدىغانلار يىمەكلىك ئارقىلىق بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايدۇ؟
مەنبەسى : بېيجىڭ ۋاقىت تورىيوللىغۇچى : ۋاقىت تورى ۋاقتى : 2017-12-25كۆرۈلىشى : قېتىم

20171225133442189.jpg

 1. قىزىل ئادەمگىياھ 

قىزىل ئادەمگىياھ بولسا ئادەمگىياھنىڭ پىشقان ھالىتى بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان تومۇرنى يۇمىشىتىش، قان تولۇقلاش قاتارلىق رولى بار، قىزىل ئادەمگىياھ قان ئاز، بەدەن ئاجىز كىشلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ، بولۇپمۇ  سوغۇقتىن قورقىدىغان، قول-پۇتى ئىسسىمايدىغان، دائىم بېشى قېيىپ چارچاش ھېس قىلىدىغان، پۇت-قولىدا ماغدۇر يوق، نەپىسى يېتىشمەيدىغان، ئاشقازىنى سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلدۇ.

2. چىلان 

جۇڭگو تېبابىتىدە، چىلان قان تولۇقلايدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەك ئاجىزلىقىنى داۋالاشتىكى ياخشى دورا دەپ قارىلىدۇ. بىراق چىلانىنى بىرلا ۋاقىتتا بەك كۆپ ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا قورساق كۆپۈش، تىلنى گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدىكەن، سېمىزلەر بەك كۆپ يەۋېلىشىتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەككەن.

3. زەنجىۋىل

جۇڭگو تېبابىتىدە، زەنجىۋىل قۇسۇشنى توختىتىپ، زەرھەرنى قايتۇرىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھازىرىقى زامان دورىگەرلىكىدە، زەنجىۋىلنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى پىياز ۋە سامساقلاردىن تۆۋەن تۇرمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. زەنجىۋىل تەركىبدىكى زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى غىدىقلاپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. ھەمدە زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇچان ماي، ئادەم بەدىنىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرىشىنى تىزگىنلەپ، جىگەر ۋە قاندىكى خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇ.

4. پېچەكگۈل

پېچەكگۈل تېبابەتتە، سوغۇقنى قايتۇرۇپ بەدەنىنى قىزىتىش، قان قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بار دەپ قارىلىپ، پۇت-قولى ئسسىمايدىغانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئېستىمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.

قول-پۇتى ئىسسىماسلىقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈلۈك سەۋەبى بار:

1. قان ئايلىنىش ئاجىز

قىش پەسىلى كىرىشى بىلەنلا قول-پۇتلار ئىسىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىرتنىڭ تېمپېراتۇراسى تۆۋەن بولغاچقا قان تومۇرلارنىڭ سوقۇشى ئاجىزلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنشى ئاستىلاپ، ئادەمنىڭ قول-پۇتلىرىنىڭ ئىسسىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىشى

كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قول-پۇتنىڭ ئىسسىماسلىقى مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ، ئەگەر كىيىمنى قېلىن كىيىپمۇ يەنە سوغۇق ھېس قىلغان بولسىڭىز ئۇنداقتا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك. 

3. قان ئاجىز، جىگەر ۋە تالنىڭ ئىقتىدارنىڭ ياخشى بولماسلىقى

مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن باشقا يەنە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ قول-پۇتلارنىڭ مۇزلاپ تۇرۇشىنى جۇڭگو تېبابىتىدە، ئەگەر قان ئاز ھەم ئاجىز بولسا، تال ۋە جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلىقتىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号