ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
مەست بولغاندا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىشكە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-12-14كۆرۈلىشى : قېتىم

 20161213213727421.jpg

ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلار قىمىرلاپ جىم تۇرالمايدۇ، باشقىلارغا تەھدىت سالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر مەست بولغان كىشىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى ئىشلىتىلسە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا مەست بولغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئىسپىرت ئادەتتە ناركوز قىلىش رولغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ناركوز قىلىش ئىقتىدارى ئىسپىرت تۈزۈلۈشتىكى كاربون زەنجىرىنىڭ ئۇلىنىشى ۋە مايلىق خۇسۇسيىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىدۇ. ئىسپىرتنىڭ رولى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر لىتىر قاندىكى قويۇقلۇقى تۆت گىرامدىن چوڭ بولغاندىلا ئاندىن ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئادەتتە، ئادەم ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندا ئىسپىرتنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقى بۇ چەككە يەتمەيدۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئەگەر ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش يۈز بېرىپ، يەنە باربىتال، ۋېنتىرمىن، دېئازىپام قاتارلىق زىيانلىق دورىلار ئىشلىتىلسە زەھەرلىنىش پەيدا قىلىپ، ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداق زەھەرلەنگەن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشىچە، كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەك قوزغاتقۇچى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ بولغىلى بولىدىكەن. ھازىرچە بۇنىڭدىن باشقا ياخشى چارە يوق ئىكەن. 
ئومۇمەن، ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلار قىمىرلاپ زادى جىم تۇرالمايدۇ، قالايمىقان سۆزلەيدۇ، ئەمما ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭكى، ئۇلارغا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىچكەن ھاراقنى ياندۇرۋېتىش، ۋېنادىن بەزى سۇيۇقلۇقنى تولۇقلاپ تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

新ICP备15004026号-1

新公网安备 65010202000516号