ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
قانداق قىلغاندا قان تومۇرلارنى ياش ساقلىغىلى بولىدۇ؟
مەنبەسى : يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2018-01-17كۆرۈلىشى : قېتىم

20180116221220668.jpg

 1. پىياز: قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ.

تەركىبىدە بىر خىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان پروستاگلاندىن A بولۇپ، ئۇ قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرنىڭ بېسىمىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىياز تەركىبىدە يەنە دىئاللىل دىسۇلفىد بىلەن گۈڭگۈرت ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، تالا ئاقسىلىنىڭ ئېرىتىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە قېتىشىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار.

2. قارا پۇرچاق: قاننىڭ ئايلىنىشىدىكى كاتالىزاتور

نۇرغۇن كىشىلەر قارا پۇرچاقنىڭ ئادەمنىڭ چېچىنى قارايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە قارا پۇرچاقمۇ قان پەيدا قىلىدۇ. قارا پۇرچاق بىر خىل سىرلىق يېمەكلىك بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ، ئاشقازان -ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى، مېتابولىزم ئىقتىدارىنى كۈچەيتدۇ، ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە يەتكۈزۈپ، ئاياللارنىڭ چىرايىنى قىزىل قىلىدۇ، ئىچكى ئاجراتمىمۇ تەڭپۇڭ ھالەت يېتىپ، سوغۇقتىن قورقۇش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قارا پۇرچاق تەركىبىدىكى سىئانىدىننىڭ تۆھپىسى بولۇپ، بۇ بىر خىل كۆپ فېنول تۈرىدىكى ماددا بولۇپ، قاننى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

3.مايمۇن شاپتۇلى: قان تومۇرنى يۇمشاقلاشتۇرغۇچى ئۆتكۈر قورال

مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مول. ھەر 100 گرام مايمۇن شاپتۇلىدا، 69 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار بولۇپ، كوللاگېننىڭ بېرىكىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىياللارنىڭ بىرى. بەدەندىكى كوللاگېن يېتەرلىك بولغان چاغدا، قان تومۇرلىرىمىزنىڭ ئېلاستىكىلىقىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ، ھەمدە قان بېسىمىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. مايمۇن شاپتۇلىنى سىقىپ مېۋە شەربىتى قىلىپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مايمۇن شاپتۇلىدىن شەربەت تەييارلىغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى مېۋە پوستىنى ئېلىۋەتمەڭ، چۈنكى مايمۇن شاپتۇلىنىڭ پوستىدا قان تازىلايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، يەنە مېۋە شەربىتىنىڭ تەمىنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

 قارا بۇغداي : قان تومۇرنى چىداملىق ۋە قەيسەر قىلىپ، بەدەننى تېخىمۇ پۇختا قىلىدۇ، قارا بۇغداينىڭ ئوزۇقلۇقى تەكشى بولۇپ، ئالاھىدە بولغان لىزىن، ترىپتوفان، مېتىئونىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، «نۇقسانسىز يېمەكلىك» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا بۇغدايدا يەنە قان ئايلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋىتامىن B1، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋىتامىن B2، خولىن، ھەمدە نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلار بار. بۇ ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ماي ماددىسىنىڭ يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، قاننى تازىلاپ، قان تومۇرنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

5. كاللەك بەسەي:

كاللەك بەسەينىڭ قان ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تۆھپىسى ناھايىتى زور، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنC، كالىي، كالتىسىي، يېمەكلىك تالاسى بولغاندىن باشقا، يەنە يەنە كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپچانلىققا ئىگە ئىزوتىئوسىئانات، شۇنىڭدەك ئاز ئۇچرايدىغان ۋىتامىنU ۋە ۋىتامىن K بار بولۇپ، قان تومۇر پەردىسىنى قوغدايدۇ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇرنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىپ، ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، كاللەك بەسەينىڭ يەنە شىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرىنى قوغداش رولى بولۇپ، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتا بىر قەدەر ياخشى بولغان كىلىنىكىلىق ئۈنۈمى بار.

6. پىدىگەن: قان تومۇرنى يۇمشىتىش دورىسى

يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، پىدىگەن تەركىبىدە ۋىتامىن P مول بولۇپ، بىر خىل فلاۋون خىلىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمە بولۇپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىش رولى بار، يەنە قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كىچىك قان تومۇر قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار.

7. سەۋزە: قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننى ئىللىتدۇ.

سەۋزە بولسا سىمابنى ئۈنۈملۈك چىقرىپ تاشلايدىغان يېمەكلىك. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سىماب بىلەن بىرىكدىغان مېۋە يېلىمى بولۇپ، قاندىكى سىماب ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، چىقىرىلىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا سەۋزە يېگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قان ئايلىنىشىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى، قېرىغان ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرىدۇ.

ھەر كۈنى سەۋزە شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە، مەڭزى قىزىل، پارقىراق بولىدۇ. ئىككىدىن بىر قىسىم سەۋزە تەركىبىدىكى سەۋزە ماددىسى، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك زۆرۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

8. سامساق: قان نوكچىسىنى بوشاشتۇرغۇچى ئەڭ كۈچلۈك «يۇمشاتقۇچ»

نۇرغۇن ئاياللار سامساقنىڭ «ئىزولياتور»ى، بىراق، ھازىردىن باشلاپ، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە تىرىشىڭ. چۈنكى سامساق تەركىبىدىكى سامساق ماددىسى جىگەردىكى خولېستېرىننى بىرىكتۈرىدىغان ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى خولېستېرىن سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننى ساغلام ھالىتىدە ساقلايدۇ. ئۇندىن باشقا، سامساقنىڭ تەركىبىدە يەنە بىر خىل سۇلفىد ماددىسى بولۇپ، سامساق يېڭى ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىن ۋە قان نوكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بار، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنى يىلتىزىدىن تۆۋەنلىتىدۇ.

9، كۆممىقوناق: ئارتېرىيە قان تومۇرىنى يۇمشىتىدۇ. 

كۆممەقوناق تەركىبىدە ماي مول بولۇپ، ئۇنىڭ ياغ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، بولۇپمۇ لىنون كىسلانىڭ مىقدارى % 60 دىن يۇقىرى. ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ۋە خولېستېرىننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا پايدىلىق، خولىستېرىننىڭ قان تومۇردا چۆكۈپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئارتېرىيە قان تومۇرىنى يۇمشىتىدۇ.

10. پەمىدۇر: قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى قوغدايدۇ.

پەمىدۇردىكى ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى ئالما، نەشپۈتنىڭكىگە قارىغاندا 24ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ۋىتامىن رۇدىن بار بولۇپ، ئۇ ئورگانزىمنىڭ ئوكسىدلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بەدەندىكى ئەركىن رادىكال قاتارلىق ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، قان تومورنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى قوغداش، قان نوكچىسى ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار. 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号